ئەنگلىيە ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 14- ئاپرېلىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، كېنىيە ساقچىلىرى ھەر كۈنى 24 سائەت ھۇشيار ھالەتتە پوستا تۇرۇپ دۇنيادىكى ئەڭ ئاخىرىقى بىر ئەركەك شىمال ئاق كەركىدانى ‹‹ سۇدان ›› نى قوغدايدىكەن. 43 ياشقا كىرگەن ‹‹سۇدان ›› يوقىلىش گىردابىدا تۇرغان شىمال ئاق كەركىداننىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى بىردىنبىر ئۈمىدى ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، 2009-يىلى سۇدان بىلەن باشقا ئىككى چىشى كەركىدان چېختىكى بىر باغچىدىن كېنىيەدىكى قوغداش رايونىغا يۆتكەپ ئەكىلىنگەن. كەركىدان مۈڭگۈزى باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن يۇقىرى ئۆرلىشى سەۋەبىدىن كەركىدانلارنىڭ ھاياتى، شۇنداقلار قوغدىغۇچى ساقچىلارنىڭ ھاياتىمۇ خەۋپ ئىچىدە قالغان.
دۇنيا ياۋايى ھايۋانلار فوندىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، يېرىم ئەسىر ئىلگىرى يەر شارىدا 2000 شىمال ئاق كەركىدانى بار بولۇپ، 1984-يىلىغا كەلگەندە 15 ى قالغان. ھازىر پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا پەقەت بەشى قالغان بولۇپ، ئەركەك شىمال ئاق كەركىدانىدىن پەقەت ‹‹ سۇدان ›› لا قالغان.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved