قارا تەنلىكنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈش سەۋەبلىك چىكاگو ساقچى باشلىقى ئىستېپا بەردى

        سۈرەتتە: شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى، بىر ئەر ئامېرىكا چىكاگودا قارشىلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتىگە قاتنىشىۋاتىدۇ.

 

ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 2-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا چىكاگو پۇقرالىرىنىڭ ئاق تەنلىك ساقچىنىڭ قارا تەنلىك ياشنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈش دېلوسىغا قارىتا قارشىلىق بىلدۈرۈش، نامايىش قىلىش ۋەزىيىتى بارغانسېرى جىددىيلىشىپ كەتكەن. چىكاگو شەھىرىنىڭ باشلىقى رام ئېمانىيۇئېل (Rahm Emanuel) شۇ جاي ۋاقتى 1-چىسلا يىغىن ئېچىپ، ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گارىي مىككارتىي (Gary McCarthy) دىن ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

سۈرەتتە: شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى، چىكاگو شەھەر باشلىقى رام ئېمانىيۇئېل (سولدا) ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گارىي مىككارتىي (ئوڭدا) بىلەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى.

1-چىسلا چۈشتىن كېيىن تەخمىنەن 100 گە يېقىن دىنى زات چىكاگو شەھەر باشلىقى ئىشخانىسى سىرتىدا نامايىش قىلدى. نامايىشچىلارنىڭ دېيىشىچە، رام ئېمانىيۇئېل ئېلان قىلغان نازارەت قىلىش تەدبىرى پەقەت «ئالدامچىلىق» بولۇپ، ئۇ يەنە تېخى ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گارىي مىككارتىينى ئىشتىن بوشىتىش ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ دىققىتىنى باشقا ياققا بۇرىماقچى بولغان.

چىكاگو ساقچى دائىرىلىرى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى ئاق تەنلىك ساقچىنىڭ قارا تەنلىك ياشنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈش دېلوسىغا مۇناسىۋەتلىك بىر سىن ماتېرىيالىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، سىن ماتېرىيالىغا ئاساسلانغاندا، ئاق تەنلىك ساقچى قارا تەنلىك ياش مەكدونالىد (Macdonald) قا ئارقىمۇ-ئارقىدىن 16 پاي ئوق ئاتقان.

سۈرەتتە: شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى، كىشىلەر ئامېرىكا چىكاگودا قارشىلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتىگە قاتنىشىۋاتىدۇ.

چىكاگو ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، دېلو يۈز بەرگەندە مەكدونالىدنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى گۇمانلىق بولغاندىن باشقا، ساقچىلار ئۇنىڭغا قولىدىكى تۆت ئىنگلىز چى كېلىدىغان پىچاقنى تاشلاشقا بۇيرىغاندا بۇيرۇققا بويسۇنمىغان ھەمدە ساقچىلارغا پىچاق شىلتىغان، شۇنىڭ بىلەن ساقچى ۋان دىيىك (Van Dyck)  نىڭ ھاياتى خەۋىپكە ئۇچرىغاچقا ئوق چىقارغان. بىراق سىن ماتېرىيالىغا ئاساسلانغاندا، مەكدونالىد ئەينى ۋاقىتتا يول بويىغا توختىتىپ قويۇلغان ساقچى ماشىنىسىدىن ئەگىپ ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغان، ساقچىلارغىمۇ خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئىش قىلمىغان، بىراق بىر قانچە مېتىر يىراقلىقتا تۇرغان ئاق تەنلىك ساقچى ۋان دىيىك بىۋاسىتە ئوق چىقىرىپ ئۇنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن.

       سىن ماتېرىيالى ئاشكارىلانغاندىن كېين، چىكاگودا كەڭ كۆلەملىك قارشىلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتى قوزغالدى. 27-چىسلا نەچچە مىڭلىغان كىشى چىكاگونىڭ ئەڭ ئاۋات سودا مەركىزىگە يىغىلىپ، قارشىلىق بىلدۈردى ۋە شەھەر باشلىقى ھەم ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقىدىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.

     ئىگىلىنىشىچە، سىن ماتېرىيالى ئېلان قىلىنىشتىن بىر قانچە سائەت بۇرۇن ۋان دىيىك بىرىنچى دەرىجىلىك قاتىللىق جىنايىتى بىلەن ئەرز قىلىنغان. بىراق 11-ئاينىڭ 30-كۈنى كېچىدە، ۋان دىيىك كېپىللىككە قويۇپ بېرىلدى. بىراق 12-ئاينىڭ 1-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يېڭى بىر كۆلەملىك قارشىلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىشتىن بۇرۇن، چىكاگو شەھەر باشلىقى ساقچى ئىدارىسى باشلىقىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغانلىقىنى جاكارلىدى.



خەتكۈچلەر:
02-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek