مۇخبىرنىڭ 6-ئىيۇل خاڭجۇ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، نەق مەيداندا تەكشۈرۈش، ۋىدېيو ماتېرىيالى، تەكشۈرۈپ زىيارەت قىلىش قاتارلىقلار ئارقىلىق قولغا چۈشۈرۈلگەن ئىسپاتلاردىن ئايان بولۇشىچە، 5-ئىيۇل يۈز بەرگەن خاڭجۇدىكى ئاپتوبۇسقا ئوت كېتىش ۋەقەسى ئادەم ئوت قويۇش ۋەقەسى بولۇپ، كۆيگەن سۇيۇقلۇقتا بانان مېيى تەركىبى بار ئىكەن. ھازىر ساقچى دائىرىلىرى ئوت قويغان گۇماندار ئاپتوبۇس ئىچىدىكى كۆيۈپ ئېغىر يارىلانغان بىر ئەر كىشى دەپ دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتتى.
5-ئىيۇل سائەت 17لەردە خاڭجۇ شەھىرى دۇڭپو يولى بىلەن چىڭچۈن يولى ئېغىزىدا ئاپتوبۇسقا ئوت كېتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 32 كىشى يارىلاندى. ھازىر 29 كىشى دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا، بۇنىڭ ئىچىدىكى 15 كىشىنىڭ يارىسى ئېغىر.
ھازىر جېجياڭ ئۆلكىلىك، خاڭجۇ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئالاقىدار تەكشۈرۈش خىزمىتىنى يەنىمۇ قانات يايدۇرماقتا.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved