رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن مىسىرنى زىيارەت قىلماقچى

ئامېرىكا ‹‹ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى›› نىڭ 4-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە كرېمل سارىيى ئاخبارات باشقارمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 9-فېۋرالدىن 10-فېۋرالغىچە مىسىردا زىيارەتتە بولۇپ ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بارىدىكەن .


خەۋەردە دېيىلىشىچە، يېقىندا ئېلىپ بېرىلىدىغان رۇسىيە-مىسىر يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتىدە ، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا رايونى ۋەزىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرىدىكەن، ئۇندىن باشقا يەنە ئىراق، سۇرىيە، لىۋىيە ۋە پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتى قاتارلىق ئىككى تەرەپ ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردىمۇ سۆھبەتلىشىدىكەن.


بۇنىڭدىن بۇرۇن مىسىرنىڭ رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مۇھەممەد بادرى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: مىسىر تەرەپ ياۋروپا-ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى ئەركىن سودا رايونى قۇرۇش سۆھبىتىگە قاتنىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.


2014-يىلى رۇسىيە -مىسىر ئىككى دۆلەتنىڭ سودا سوممىسى 3 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن بولۇپ، رۇسىيە مىسىرغا ئاشلىقنى ئاساس قىلغان ھالدا باشقا بۇيۇملارنى ئېكسپورت قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە مىسىرنىڭ رۇسىيەگە قىلغان ئېكسپورت سوممىسى 250 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.



خەتكۈچلەر:
05-02-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-05-2016
     مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 10- مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 10- ماي ئېلان قىلىنغان بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، فىلىپپىن خەلقىنىڭ قەھرىمانى، گۇمپا شاھى ماننىي پاسكىيۇئاۋ ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىق...
11-05-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيەدىكى بىر ئاقىللار ئامبىرىنىڭ تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلگەن: ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىش ئەنگىلىيە كارخانىلىرىغا 10 يىللىق قاراڭغۇلۇق ئېلىپ كېلىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال ئەن...
11-05-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئامېرىكا پېنسىلۋانىيە شتاتى فىلادېلفىيە شەھىرى، دېموكراتلار پارتىيەسى زۇڭتۇڭ نامزاتى ھىلارى كېلىنتون دەسلەپكى سايلام كېچىلىكى يىغىلىشى ئۆتكۈزدى. ئامېرىكا شەرقىي قىسىمدىكى بەش شتات...
11-05-2016
    سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى كۆپەيتمەكتە ھەمدە دۆلەت ئىلكىدىكى نېفىت كارخانىلىرىنىڭ پۈتكۈل دۇنياغا كېڭىيىش پىلانىغا، يەنى دۇنيا تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ پېيىنى بازارغا سېلىشقا تەييارلىق قىلماقتا. ...
11-05-2016
     ئافغانسىتاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسى شۇ جاي ۋاقتى 10 ماي ئافغانسىتان بىخەتەرلىك قىسىمى بىلەن بىرلەشمە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىپىسى ئىجرا قىلىۋاتقاندا، ئۈچ يىل ئىلگىرى تۇتقۇن قىلىنغان پاكىستاننىڭ سابىق ...
11-05-2016
  ئەنگلىيە «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» نىڭ 9-ماي خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان ئىنتايىن قاتتىق يېڭى بىخەتەرلىك قانۇنى تۈزۈۋېتىپتۇ. بۇ قانۇنغا ئاساسەن، ھەرقانداق كىشى ناۋادا «خاتا سىزىلغان» ھىندىستان خەرىتىسىنى ئېلان قىلىپ، تالاش-تارتىشت...
11-05-2016
      فىرانسىيە «فىگارو گېزىتى» نىڭ 10-ماي خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە شۇ جاي ۋاقتى 10-ماي شەرقى جەنۇبتىكى شەھەر دىيارباقىرنىڭ مەركىزىدە بىر قېتىملىق ساقچى ماشىنىسىنى پارتىلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئۈچ ئادەم ق...
11-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى، برازىلىيە سان پاۋلو، برازىلىيە پرېزىدېنتى روسېفنىڭ قوللىغۇچىلىرى 27 ئىشتاتتىكى 14 تاشيولنى قامال قىلىپ، بالون كۆيدۈرۈش ئارقىلىق روسېفنى ئەيىبلەشكە قارشى تۇردى.
10-05-2016
    5-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگىتوندىكى بەش بۇرجەكلىك بىنا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كات (سولدا) ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كىسىنگىرگە ئوردېن تارقىتىپ بەردى. شۇ كۈنى، ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىش...
10-05-2016
    فىلىپپىن سايلام كومىتېتىنىڭ 10- ماي سەھەردىكى ئەڭ يېڭى بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، دەۋاۋ شەھىرىنىڭ باشلىقى دۇزېلتى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا 14 مىليون 500 مىڭ بېلەتكە ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ سايلامدا غەلبە قىلىشى مۇقىم...
Powered by Leglek