قانداق مۇھەببەت كىشىگە بەخت ئېلىپ كېلىدۇ؟

       «ئادەم بەختكە، دەرەخ كۆكلەشكە ئىنتىلىدۇ». قايسى بىر يىگىت بەختكە ئىنتىلمەيدۇ؟ قايسى بىر يىگىت گۈزەل مۇھەببەتكە تەلپۈنمەيدۇ؟ كىشىلەرنىڭ بەختكە بولغان چۈشىنىشى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، مۇھەببەتكە ئىنتىلىش ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇنىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بەزى يىگىتلەر چىرايلىق قىزغا ئېرىشىشنى بەخت دەپ بىلىدۇ، ئۇلار قىزنىڭ قەلبىگە قارىماستىن ھەدېسىلا قىزنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشنى قوغلىشىدۇ، گۈزەل چىراي ئۇلارنىڭ مۇھەببەت ئاساسى بولۇپ قالىدۇ.

      بەزى يىگىتلەر مۇھەببەتنى جىنسىي ھەۋەس دەپ قارايدۇ، ئۇلارنىڭ مۇھەببەتكە ئىنتىلىشى ھەۋىسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، قىز دوستىغا ئىپادىلىگەن قىزغىنلىقى ۋە كۆيۈنۈشى قىز دوستىنى ئىگىلىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ جىنسىي تەلىپىنى قاندۇرۇش ئۈچۈندۇر. شۇڭا قىز دوستى تېنى بىلەن ئۇنىڭغا ماقۇللۇق بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئىپپەت-نومۇسنى تەقدىم قىلسا، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن بەخت ھېسابلىنىدۇ.

    بەزى يىگىتلەر قىز دوستىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ھوقۇقى، ئورنى ئىنتايىن مۇھىم دەپ بىلىپ، ئۇنى يۇقىرىغا ئۆرلەشنىڭ شوتىسى، ئىستىقبالىنىڭ نۇرلۇق چىرىقى دەپ قارايدۇ. بەختنى قىز دوستىنىڭ مۇھەببىتىدىن ئەمەس، بەلكى قىز دوستىنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن كۈتىدۇ.

         بەزى يىگىتلەر بىر كۆرۈپلا ئاشىق بولۇپ قېلىشنى ئەتىۋارلايدۇ. بۇنداق مۇھەببەتنى ئەڭ رومانتىك، ئەڭ بەختلىك ھېس قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن چۈشەنمەي، كۆزەتمەي، ئەخلاق-پەزىلىتى، ئىستىلىنى سۈرۈشتۈرمەي تۇرۇپلا تۇنجى تەسىرگە قاراپ، ھېسسىياتىدىكى بىردەملىك قوزغىلىشىنىڭ كەينىگە كىرىدۇ-دە، مۇھەببەت ئالمىسىنى خالىغانچە ئېتىپ، بەخت گۈلىنىڭ ئۆزىگە قاراپ ئېچىلىشىنى كۈتىدۇ. 

      بىراق، گۈزەل قىزنىڭ قەلبىنىڭ گۈزەل بولۇشى ناتايىن، ئىشقى ھەۋەسنى قوغلىشىش ھەقىقى مۇھەببەتنى ئىزدىگەنلىك بولمايدۇ، بىر كۆرۈپلا ئاشىق بولۇش كۆپ ھاللاردا ئىشەنچلىك بولمايدۇ، ھوقۇق، نوپۇز  دېيىلگەنلەر بەختلىك نىكاھنىڭ ئورنىغا دەسسىيەلمەيدۇ. ئۇنداقتا كىشىلىك دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل مۇھەببەت قەيەردە؟ يىگىتلىرىمىز ئۆزىنىڭ «بەخت بىناسى»نى قانداق قۇرۇپ چىقىشى كېرەك؟

     يىگىت-قىز ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈشى، ياقتۇرۇشى ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان مۇھەببەت ئاساسىغا ئايلىنىدۇ. بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇقلارنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان ئامىللار ھەقىقەتەنمۇ خېلى كۆپ، بىراق ئەڭ پۇختا، ئەڭ ئۇزاققىچە تۇتۇپ تۇرالايدىغىنى يەنىلا ئىككى يۈرەكنى باغلاپ تۇرىدىغان مۇھەببەت رىشتىسىدۇر. ئۆز ئارا ياخشى كۆرۈشۈش پاك ھەم گۈزەل ھېسسىياتنى يېتىلدۈرىدۇ، ئۆز ئارا ياخشى كۆرۈشۈش بەختنىڭ قۇرۇماس بۇلىقىدۇر.

     يىگىت-قىز ئىككى تەرەپ ئورتاق غايە ئۈچۈن بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈشۈپ بىللە بولۇشسا، مۇھەببەت كېمىسىنى بەخت قارارگاھىغا ئوڭۇشلۇق ھالدا يەتكۈزگىلى بولىدۇ. پىداكارلىق، سادىقلىق مۇھەببەتنىڭ ئەڭ قىممەتلىك بايلىقىدۇر، يىگىت-قىز ئىككى تەرەپ مۇھەببەتكە سادىق بولسا، ئەڭ زور بەختكە ئېرىشكەن بولىدۇ.

     مۇھەببەتلەشكەن ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز ئارا كۆيۈنۈشى، ئورتاق ئارزۇ-ئىستىكى ۋە مۇھەببەتكە بولغان پىداكارلىقى، سادىقلىقى بەختلىك مۇھەببەتتىنىڭ ئۈچ ئاساسىي ئامىلىنى شەكىللەندۈرىدۇ. مۇھەببەتنىڭ قولۋىقى بۇ لىنىيەدىن چەتنىگەن ھامان، كىشى ئازاب دېڭىزىغا كىرىپ قېلىشى، مۇھەببەت داتلىشىپ قالغان زەنجىرگە ئايلىنىپ، بىر-بىرىنى ئازابلىشى مۇمكىن. بۇنىڭدا بەختتىن سۆز ئېچىش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس.



خەتكۈچلەر:
13-01-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلېفۇننىڭ كەڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، باش بارماق ئارقىلىق خەت ئۇرۇپ ئۇچۇر يوللاش، كۆرسەتكۈچ بارماق ۋە ئوتتۇرا بارماق بىلەن ئېكراننى سۈرۈپ تېلېفۇن ئويناشتىن ئىبارە...
07-03-2016
ئەتىگەندە ئاشقازان ئاساسەن قۇرۇق بولۇپ، ئاچ قورساققا قېنىق چاي ئىچسە، ئاشقازان ئۈچەينى بىئارام قىلىپ، ئىشتىھانى تۇتۇپلا قالماي، يەنە نېرۋا سىستېمىسىغىمۇ زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن. ئەتىگەندە چاي ئىچكەندە بىرىنجى قېتىم دەملىگەن چاينى تۆكۈۋېتى...
02-03-2016
جىنتايەنە بىلەن ئاقمۇشتىن 30 گرام ، ئاساروندىن 21 گرام ، سۇمبۇل بىلەن قوستەتەلىقتىن 20 گرامدىن ئېلىپ سوقۇپ ، 500 گرام ھەسەل بىلەن مەجۈن تەييارلاپ ، كۈندە ئىككى ۋاق تۆت گرامدىن يەپ بەرسە ، ئاياللاردىكى ئاق خۇن كۆپ كېلىش ، قورساق ، بەل - پ...
06-02-2016
    مۇنتىزىم ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە تەكشۈرتۈشكە سەل قاراش. نۇرغۇن ئاياللار قەرەللىك ھالدا ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلىمىدە تەكشۈرتۈشكە سەل قارىغانلىقتىن، ئويلىمىغان كېسەللىكلەر كېلىپ چىقماقتا، شۇڭا دىققەت قىلىش كېرەك. ...
06-02-2016
    ئىجادچانلىق مۇستەقىل تەرەققىياتنىڭ ئۇل تېشى. ئادەملەرنىڭ ئىجادچانلىقىنى قېزىشتا ئۇلارنى بالىلىق ۋاقتىدىن باشلاپ تەربىيەلەشكە، مەشىقلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر. ئىجادچانلىق ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئامېرىكىلىق داڭلى...
05-02-2016
       سوپۇن پاراشوكىنىڭ تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە بولۇپمۇ بوۋاقلارنىڭ بەدىنىگە زىيانلىق بەزى خىمىيىلىك ماددىلار بولغاچقا، ئۇنىڭدا يۇيۇلۇپ پاكىز چايقالمىغان كىيم–كېچەك ياكى سۈيدۈك لاتىسىدا بۇنداق زىيانلىق ماددىلار قىسمەن ...
05-02-2016
  چوڭ مېڭە توقۇلمىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، قاندىكى گلۇكوزا ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان بىردىنبىر ماددا بولغاچقا، قان قەنتىنىڭ بەك يۇقىرى ياكى بەك تۆۋەن بولۇشى چوڭ مېڭە ئىقتىدارىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.    قان قەن...
04-02-2016
         بالىلار، ئاياللار ۋە ياشانغانلار قىش پەسلىدە ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا سەل قارىسا بولمايدۇ، ئەگەر قارشىلىق كۈچى تۆۋەن بولغاندا، ئاسان زۇكام تىگىش، ماسلىشىشچانلىقى تۆۋەن بۇلۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. تۆۋەن...
04-02-2016
          شياڭگاڭ «ئەدەبىي مەجمۇئەلەر گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، زەيكا ۋىرۇسى داۋاملىق تۈردە ئامېرىكا قىتئەسىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكىدا بىر قانچە كۈن بۇرۇن يەرلىكتىكى تۇنجى يۇقۇملانغۇچى بايقالغان، يەنە...
04-02-2016
     ئامېرىكا تېببىي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ 200 كىشىنى 19 يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە: تەركىبىدە كاروتېن مول بولغان كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلسا، ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتقىلى بولىدىكەن...
Powered by Leglek