رۇسىيە قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئالىي قوماندانى بولۇش سۈپىتى بىلەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 16-مارت رۇسىيە شىمال فىلوتى قاتارلىق قىسىملارنى تۇيۇقسىز تەكشۈرۈش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈردى. پۇتىن شۇ كۈنى شىمال فىلوتى، غەربىي ھەربىي رايون قىسمى، پاراشوتچىلار قىسمىنىڭ ئۇرۇش تەييارلىقىنى تۇيۇقسىز تەكشۈرۈش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈردى. ئۇرۇش تەييارلىقى تەكشۈرۈش رامكىسى ئاستىدا، يۇقىرىقى قىسىملارنىڭ رۇسىيە ۋە شىمالىي قۇتۇپ رايونىدىكى ھەربىي بىخەتەرلىك ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن بۇ قىسىملارغا ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش تەييارلىقى ھالىتىگە كىرىش تەييارلىقى بېرىلدى، بۇ قېتىمقى تۇيۇقسىز تەكشۈرۈشكە جەمئىي 38 مىڭ رۇسىيە ئەسكىرى قاتنىشىدۇ، 3360 تۈرلۈك ھەربىي قورال جابدۇق، 41 ئۇرۇش پاراخوتى، 15 چۆكمە پاراخوت ۋە 110 ئايروپىلان ئىشقا سېلىنىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved