جۇڭگو ئارمىيەسى ھىندىستان زېمىنىغا تاجاۋۇز قىلدى

ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ ئالىي گېنىرالى، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ ئىشتاب باشلىقى سىنگى 19-ئاۋغۇست: ھىندىستان تاراتقۇلىرى يېقىندا ئېلان قىلغان «جۇڭگو ئارمىيەسى ھىندىستان زېمىنىغا تاجاۋۇز قىلدى» دېگەن خەۋەر ساختا، ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئىش يوق، دېدى. جۇڭگونىڭ مۇتەخەسسىسلىرى 19-ئاۋغۇست، بۇ پوزىتسىيە ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ چېگرا ماجراسى توغرىسىدىكى ئېغۋاگەرچىلىكىنى باستۇرۇپ، ھىندىستان دائىرلىرىنىڭ سىياسىي پاراسىتىنى نامايەن قىلدى، دەپ ھېسابلىدى.


ھىندىستاندا چىقىدىغان «سودا ئۆلچىمى گېزىتى»نىڭ 19-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بىر مۇخبىر ھىندىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ ئىشتاب باشلىقى سىنگىدىن «17-ئاۋغۇست جۇڭگو ئارمىيەسى ھىندىستان چېگراسىغا تاجاۋۇز قىلدى» دېگەن خەۋەرنى ئىسپاتلاپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. گېنىرال سىنگى نەق مەيداندا جۇڭگو ئارمىيەسىنىڭ ھىندىستان چېگراسىغا تاجاۋۇز قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى كەسكىنلىك بىلەن ئىنكار قىلغان، ھەمدە بىر قىسىم تاراتقۇلار بەرگەن خەۋەرنىڭ قىلچە ئاساسى يوق، ئۇنداق ئىش يۈز بەرمىدى دېگەن.


ھىندىستان تور ئاخبارات تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق ئاساسلىق تاراتقۇلار سىنگىنىڭ سۆزىنى دەرھەل ئېلان قىلدى، بىر قىسىمى دەماللىققا توردىكى «جۇڭگو ئارمىيەسى ھىندىستان چېگراسىغا تاجاۋۇز قىلدى» دېگەن خەۋىرىنى ئۆزگەرتەلمىدى، ئەمما «ھىندىستان ئارمىيەسى بۇ توغرىسدىكى خەۋەرلەرنى ئىنكار قىلدى» دېگەن مەزمۇنلارنى قوشتى، ئارقىدىن كۆپىنچە تاراتقۇلار ئىلگىرىكى خەۋەرنى ئۆزگەرتىپ، يېڭى خەۋەرنى چىقاردى.


بۇندىن ئىلگىرى ھىندىستان مەتبۇئات «تېرستى» قاتارلىق ھىندسىتاندىكى ئاساسلىق تاراتقۇلار خەۋەر بېرىپ، ھىندستاننىڭ چارلىغۇچىلىرى 17-ئاۋغۇست جۇڭگو ئارمىيەسىنىڭ ھىندسىتانغا تاجاۋۇز قىلغانلىقىنى بايقىدى، دېگەن ئىدى. خەۋەردە: جۇڭگو ئارمىيەسى 17-ئاۋغۇست ھىندىستان بىلەن جۇڭگو چېگراسىن 25 كىلومتېرىدىن 30 كىلومېتىرغىچە ھالقىغاندىن كېيىن، ھىندسىتان كونترول قىلىدىغان كەشمىرنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى راداكقا كىرگەن، ئارقىدىن راداكنىڭ شىمالىدىكى دېپسان جىلغىسىغا كىرگەن. جۇڭگو ئازادلىق ئارمىيەسى دېڭىز يۈزىدىن 17 مىڭ مېتىر ئېگىزلىكتە 4 ھەربىي چىدىر تىكىپ، لاگېر بايرىقى چىقارغان، بايراقتا «بۇ جۇڭگونىڭ زېمىنى، بۇ يەردىن يوقۇلۇڭلار!» دېگەن سۆز يېزىلغان، جۇڭگو ئارمىيەسى شۇ يەردە بىر كۈن تۇرغاندىن كېيىن جۇڭگو چېگراسىغا قايتقان، دېيىلگەن.


ھىندىستان مەتبۇئات «تېرستى» خەۋەر بېرىپ مۇنداق دېگەن: ھىندىستاننىڭ تىز ئىنكاس قايتۇرۇش قسىمى تاجاۋۇز قىلغان جۇڭگو ئارمىيەسىگە زەربە بېرەلمىدى، چۈنكى ئۇلار زەربە بېرىشنى تاللىماي، لاگېرغا قايتىپ يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېرغا ئەھۋالنى دوكلات قىلىپ، پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويدى. بۇ ھىندىستان بىلەن جۇڭگو چېگراسىدىكى نازۇك رايوندا يۈز بەرگەن دۈشمەنلىشىشتىن بىر يىل كېيىن يۈز بەرگەن يېڭى ھەربىي ئىشلاردا دۈشمەنلىشىشنىڭ باشلىنىشى.


جۇڭگو جەنۇبىي ئاسىيا ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى سۈن شىخەي مۇنداق دېدى: ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ تېز سۈرئەتتە ھەقىقىي ئەھۋالنى ئىسپاتلاش ئۇسۇلى ھىندىستان جامائەتچىلىكىنىڭ ئوبيېكتىپ ۋە ئاشكارە بولۇشتىكى نەتىجىسى، بۇ ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ئاخبارات ئىشلىرىنى ھەل قىلىشتىكى كەسپچانلىقىنى نامايەن قىلدى. ھىندىستان مەتبۇئات «تېرستى» ھىندىستاندىكى ئەڭ چوڭ ئاگېنتلىق، بۇ خىل خاتا خەۋەر ئېلان قىلىش ئەھۋالى ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ خەۋەرنى دەرھال توغرىلىشى، خاتالىقنى بىلىپ، ئۆزگەرتىشى ئۇلارنىڭ كەسىپي روھىنى نامايەن قىلدى. بۇ ئىش جۇڭگو بىلەن ھىندىستاندىن ئىبارەت ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى ھەل قىلىش جەھەتتە تېخىمۇ پىشقانلىقىنى، تېخىمۇ پاراسەتلىك بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ؛ تېخىمۇ مۇقىم ۋە ساغلام بولغان جۇڭگو-ھىندسىتان مۇناسىۋىتىنى قوغداش ئىككى دۆلەتكە پايدىلىق، بۇنى ھىندىستاندىكى بىر قىسىم ئەسەبىي مىللەتچىلەر ئاسانلىقچە ئۆزگەرتەلمەيدۇ.


كەشمىر جەنۇبىي ئاسىيا ئىككىنچى چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ غەربىي شىمالىدا، چىڭخەي شىزاڭ ئىگېزلىكىنىڭ غەربىي ۋە جەنۇبىي ئاسىيانىڭ شىمالى چېگرالىنىدىغان بىر رايون بولۇپ، ھىندىستان، پاكىستان، جۇڭگو ۋە ئافغانىستاننىڭ ئارىسىغا جايلاغان، ئىلگىرى ئەنگلىيەگە مۇستەملىكىسىدىكى ھىندىستاننىڭ بىر ئىشتاتى ئىدى. ئۇنىڭ كۆپ قىسمىنى ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئايرىپ كونترول قىلىدۇ، شەرقىي شىمالدىكى ئاقسايچىن بىلەن قارا قۇرۇم كارىدورىنى جۇڭگو كونترول قىلىدۇ، بۇ جاي شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتوم رايونى، شىزاڭ ئاپتونۇم رايونىغا قوشۇۋېتىلگەن. بۇ جاي كەشمىر رايونىغا مەنسۇپ بولسىمۇ لېكىن ئىگىلىك ھوقۇقى ماجراسى مەۋجۇت ئەمەس.



خەتكۈچلەر:
22-08-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
30-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر كوچىلارغا چىقىپ، <ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش شېرىكلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمى> (TTIP) شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ مالىي...
28-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
28-05-2016
    رۇسىيە NTV تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، كانادا، ئامېرىكا، فرانسىيە ۋە ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى پەقەت رۇسىيە مىنسكى كېلىشىمىنى تولۇق ئىجرا قى...
28-05-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
28-05-2016
      شۇ يەر ۋاقتى 27-ماي، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتى سانتىياگو، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترامپ سانتىياگودا سايلام يىغىلىشى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسى قولىدا تاختىلارنى كۆت...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چاۋشيەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانى مۇنداق دېگەن: شۇ كۈنى كورىيە ئارمىيەسى چاۋشيەننى...
28-05-2016
يەر شارى تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ۋېيتنام تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېيتنام ھۆكۈمىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى 22 دۆلەت ۋە رايوندا تۇرۇشلۇق 80 دىن ئارتۇق ۋېيتناملىقىنى نەنشا تاقىم ئارى...
28-05-2016
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنىتلىقىنىڭ 27-ماي ئېيتىشىچە، جەنۇبىي ئوسېتىيەنىڭ رەھبىرى تىبىلوۋ ۋە پارلامېنىت رەئىسى بىبىلوۋ 26-ماي جەنۇبىي ئوسېتىيە 2017-يىلى رۇسىيەگە قوشۇلۇشقا ئوم...
27-05-2016
     5-ئاينىڭ 26-كۈنى، گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ چېگرىسىدىكى كىچىك كەنت ئىدومېنى. مۇساپىرلار بۇ يەردىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. 24-مايدىن باشلاپ، گىرېتسىيە ساقچى تەرەپ، رەسمىي ھالدا گىرېتسىيە-...
Powered by Leglek