بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون 21-ئۆكتەبىر پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىختىلاپلارنى يېڭىپ، ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قوللانماسلىقىنى مۇراجىئەت قىلدى، ھەمدە ئىككى دۆلەت لايىھەسىنىڭ پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تىنىچلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدىكى ئىشەنچلىك تاللاش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى شۇ كۈنى ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئاشكارا مۇنازىرە يىغىنى ئۆتكۈزدى. بان كىمون سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: مەن يېقىندا ئىسرائىلىيەنىڭ شەرقىي ئېرۇسالىمدىكى يەھۇدىلار مەھەللىسى پىلانىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىپ، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى ھەرىكەتلەرنى قايتىدىن يولغا قويماسلىقىنى مۇراجىئەت قىلدىم.
بان كىمون مۇنداق دېدى: ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئومۇميۈزلۈك تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىپ، بۇ ئارقىلىق پەلەستىننىڭ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved