خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى يۇكىيا ئامانو تۈنۈگۈن مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئورگىنىمىز ئىراننىڭ يادرو پىلانىدىكى يادرو قورال ياساشقا ئالاقىدار مەسىلىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئىراننىڭ پارچىن ھەربىي بازىسىغا كىرىپ تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ ھەمدە ئورگىنىمىز ئىران بىلەن بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئالاقىلاشماقتا.
ئۇ ئىراننىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۆسەيىن داھگەننىڭ ئىران خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئورگىنى تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ پارچىن ھەربىي بازىسىغا كىرىپ تەكشۈرۈشىگە يول قويمايدۇ، دېگەن سۆزىگە ئىنكاس بىلدۈرۈپ بۇ سۆزنى قىلدى. داھگەن يېقىندا مۇنداق دېدى: ئىران 2005-يىلىدىن بۇرۇن خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى خادىملىرىغا پارچىن ھەربىي بازىسىنى ئېچىۋەتتى، بۇندىن كېيىن قايتا ئېچىۋەتمەيدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved