مەركىزى تېلۋىزىيەئىستانسىسى تورى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
جەمىئي ئون ئايروپىلان ۋە تۇققۇز پاراخوت تۈنۈگۈنكى ئىزدەش خىزمتىگە قاتناشقان .ئىزدەش دائىرىسى 1700كىلومىتىر غىربىي شىمالىدىكى 348مىڭ كۇۋادرات كىلومىتىرلىق دائىرىدە بولغان ،ئەمما ئېلان قىلىنغانغا قەدەر شۇ كۈندىكى ئىزدەش خىزمتىدە چوڭ نەرسە بايقالمىغان .مالايسىيا ئاۋىئاتسىيە شېركىتىنىڭ MH370قېتىملىق يۇلۇچىلار نۆۋەتچى ئايروىلانى بىلەن بولغان ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغاندىن كېيىن ،ئىزدەش قورالى ئاساسلىقى ئايروپىلان ۋە پارىوت بولغان .ئىزدەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولسا سۇ يۈزىدە لەيلەپ قالغان نەرسىنى تېپىش .ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ،قارا قۇتىنى ئىزدەش خىزمىتىنىڭ ۋاقتىمۇ قىسقىراپ قالدى .نۆۋەتتە ئامرىكا ئارمىيسى ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان ئايروپىلاننىڭ قارا قۇتىسىنى ئىزدەشكە ئىشلىتىدىغان كۆك پالاقلىق تۇنىش بېلىقى 21-تىپلىق ئۈسكۈنىسى دېڭىز ئاستىنى تەكشۈرۈش ۋە دېڭىز ئاستىنى ئېچىش جەھەتتە بارغانسىرى مۇھىم رول ئويناۋاتىدۇ .مەركىزى تېلۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى يېقىندا ،بىردىنبىر خەنزۇچە تاراتقۇ خادىملىق سالاھىيتى بىلەن بۇ ئۈسكۈنىنى ئىشلەپ چىقىدىرغان ئامرىكا كۆك پالاقچى ناملىق ماشىنا ئادەم شېركىتىنى زىيارەت قىلدى .
ئەمدى بىز بىرلىكتە بۇ كۆك پالاقلىق تۇنىس بېلىقى 21تىپلىق ماشىنا ئادەم بىلەن تۇنۇشۇپ چىقايلى :
بۇ خىل تىپتىكى ئۈسكۈنە ئادەتتە سۇ ئاستى ماشىنا ئادىمى دېيىلدۇ ،ئۇ ئاساسلىقى تېزگىنەكلىك ھەرىكەت قىلىدىغان سەپەرچى ۋە مۇستەقىل چۆكەلەيدىغان سەپەرچى دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىندۇ .ئامرىكا بۇ قېتىم ئاۋىستىرالىيەگە ئەۋەتكەن كۆك پالاقلىق تۇنىس بېلىقى 21تىپلىق سۇ ئاستى سەپەر كېمىسى بۇلۇپ ئۇنىڭغا ئارغامچا كەتمەيدۇ ،پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ ئېنىرگىيەسىگە ۋەە ئەقلى ئىقتىدارىغا تايىنىپ يۈرەلەيدۇ ،ئاپتوماتىك ئىشدەش ۋەزىپىسىنى تۇلۇق ئۇرۇنلىيالايدۇ ،بۇ ئۈسكۈنىنىڭ ئۇزۇنلىقى 4مېتىر 98سانتىمېتىر ،ئېغىرلىقى 750كىلوەىرام ،چۆكۈش چوڭقۇرلىقى 4500مېتىر بۇلۇپ ،يۈكى نورمالراق بولسا ئۈچىنچى دەرىجىلىك ئېلىكتىرقۇيۇپ بېرىدۇ ھەتتا 25سائەت ماڭالايدۇ .ئۇ تەكشۈرۈش دائىرسىدە قىسقا ئارلىقتىكى بەلگىنى تەكشۈرۈشكە ماھىر ،ئۇنىڭ ئاڭ چوڭ پەرىقلەندۈرۈش ئارلىقى 150مېتىر .
ئامرىكا كۆك پالاقچى ماشىنا ئادەم شېركىتى ئىشلەپچىقارغان كۆك پالاقچە 9Rتىپلىق سۇ ئاستىدا مۇستەقىل يۈرەلەيدىغان سەپەرچى .ئۇنىڭ چوڭ كىچىكلىكىى كۆك پالاقچە تۇنىس بېلىقى 21تىپلىق سۇ ئاستى سەپەرچىسىنىڭ يېرىمىغا توغرا كەلسىمۇ ،خىزمەت پىرىنسىپى ئوخشاش ،يەنى ئوخشاش ھەرىكەت تۈرىگە قاتنىشالايدۇ.ئىككى سەپەرچىنىڭ ئوخشاشلا بىردىن سونارى بار بۇلۇپ ،دېڭىز ئاستىنى سىكانبىرلاشقا ئىشلىتىلدۇ .سەپەرچى ئانتىنىدىن چىققان بۇيرۇقنى تاپشۇرىۋالغندىن كېيىن ،سۇ ئاستىغا چۆكۈپ ۋەزىپىنى ئىجرا قىلىدۇ .كىشلەر ئۆزى ئېھتىياجلىق ئەسېاپنى ،ئەھۋالنىى تاللاپ تەكشۈرۈش دائىرسىنى بېكىتىپ ،سىىما سىزىدۇ ،سەپەرچى سىخىمىدىكى لېنىيەنى بويلاپ ئۇچۇر توپلايدۇ .
كۆك پالاقچى 21تىپلىق سۇ ئاستى سەپەرچىنىىڭ باھاسى 50مىڭ دوللاردىن 500مىڭ دوللا رغىچە .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ .ئىزدەش نۇمۇرى ـــــ LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved