2014 -يىلى ئاخىرلىشاي دېگەندە، ياۋرو رايونىدىن يامان خەۋەر كەلدى، يەنى گىرىتسىيە پارلامېنتى تارقىتىۋېتىلدى ھەمدە 25-يانۋار قانۇن تۇرغۇزۇش سايلىمى ئۆتكۈزىلىدۇ، دېگەن خەۋەر. چاتاق بولغىنى ئەل رايىنى تەكشۈرۈشتە ئالدىنقى ئورۇندا گىرىتسىيەدىكى ئەڭ سولچىل ئىتتىپاقنىڭ رەھبىرى سىپۇراس تۇرغان، ئۇ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە گېرمانىيە باشلامچىلىق قىلغان قىسىش سىياسىتىگە دۈشمەنلىشىش پوزىتسىيەسىنى تۇتىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئەگەر سىپۇراس راستىنلا ئاي ئاخىرىدىكى سايلامدا غەلبە قىلىپ ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالسا، گىرىتسىيەنىڭ ياۋرو رايونىدىن چىقىپ كېتىشى رېئاللىقا ئايلىنىدۇ.
ياۋرو رايونىدا يەنە گىرىتسىيە مەسىلە تۇغدۇردى، ئىسىڭلاردا بارمىكىن، ياۋرو رايونى كىرىزىسقا ئۇچرىغاندا بىرىنچى بولۇپ گىرىتسىيە يېقىلىپ قالغان ئىدى، شۇنىڭدىن كېيىن پورتىگالىيە، ئىسپانىيە ۋە ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ مەسىلە كۆرۈلدى، ھەتتا بىر-بىرىنىڭ ھالىغا يېتەلمەيدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. شۇ ۋاقىتتا، گىرىتسىيەنىڭ ياۋرو رايونىدىن چېكىنىشىغا ئالاقىدار خەۋەرلەرمۇ تارقالغان ئىدى. بۇ خىل مۇمكىنچىلىك ياۋرو رايونىدىكى بارلىق ئەزالارنى ئەندىشىگە سالغان، ياۋرو رايونىدىكى ئاتامانلار چارىسىز قالغان، ئۇلار ئىلگىرىكى ئۇلۇغۋار غايىلىرىنىڭ يوققا چىقىشىدىن قاتتىق ئەنسىرىگەن. ياۋرو رايونىنىڭ بەربات بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ياۋرپا ئەللىرى ئىتتىپاقى، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى ۋە خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم زور سوممىلىق ياردەم بېرىپ، گىرىتسىيەنىڭ ياۋرو رايونىدىن چېكىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان.
بۈگۈنكى كۈندە گىرىتسىيەدە يەنە مەسىلە تۇغۇلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە گىرىتسىيە ئالدىنقى قېتىمغا قارىغاندا ياۋرو رايونىدىن چېكىنىپ كېتىشكە تېخىمۇ يېقىنلاپ قالدى. بىراق دەۋىر ئۆزگەردى. بۇ قېتىم ياۋرو رايونىدىكى ئاتامانلارنىڭ كۆڭلى خېلى توق. مەسىلەن گېرمانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتقىنىدەك، مېركىل بۇنىڭغا تەييارلىق قىلىپ بولدى.
ھازىرقى ياۋرو رايونى كىرىزىس پارتلىغان دەسلەپكى مەزگىلىدكى ياۋرو رايونى ئەمەس. 2012-يىلدىن بۇيان، ياۋرو رايونى ئىككى يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ كىرىزىسنىڭ يامراپ كېتىشىنى كونرول قىلىۋالدى. ھازىر ياۋرو رايونى 500 مىليارد ياۋرولۇق خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش توسۇقىغا ئىگە بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسپانىيە ۋە ئېرلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئىجابىي ئۆزگىرىشلەر بولىۋاتىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، گىرىتسىيە كىرىزىسى ياۋرو رايونىنىڭ ئومۇمىي سىستېمىسىغا خەۋپ ئېلىپ كېلەلمەيدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە لىتۋا مۇشۇ مەزگىلدە ياۋرو رايونىنىڭ 19-ئەزاسى بولدى، ئۇلار دۇنياغا ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ياۋرو رايونىنىڭ جەلىپكارلىقىنى نامايەت قىلدى. لىتۋانىڭ ياۋرو رايونىغا كىرىشىدە جۇغراپىيەۋى ۋە سىياسىي ئامىل بولۇشى مۇمكىن، بىراق بۇمۇ ياۋرو رايونىنىڭ جەلىپكارلىقىنى يەنە بىر نۇقتىدىن كۆرسىتىپ بەردى.
نۇرغۇن ئامىللار سەۋەبىدىن ياۋرو رايونىدىكى ئاتامانلار خېلى ئىشەنچكە تولدى. سىپۇراس ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقدىن 240 مىليارد ياۋرو قەرز تەلەپ قىلدى، بولمىسا گىرىتسىيەدە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە گېرمانىيە باشلامچىلىق قىلغان قىسىش سىياسىتىنى توختىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ خىل «تەلەپ» گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ نەزىرىدە ۋاقىتقا مۇۋاپىق كەلمىگەن شۇنداقلا چوڭ كۆرگەننى بىلمىگەن «قاقتى سوقتا قىلىش» ھېسابلىنىدۇ خالاس، بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا گىرىتسىيە نەزەردىن ساقىت قىلىنىشى مۇمكىن.
ئەلۋەتتە، گىرىتسىيە بىلەن ياۋرو رايونىدىكى ئاتامانلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بۇ خىل مۇناسىۋەت پەقەت پىسخىكا ئۇرۇشى ۋە بىر-بىرىنى سىناپ بېقىش بولۇشى مۇمكىن. قانداقلا بولمىسۇن گىرىتسىيەگە نىسبەتەن، ياۋرو رايونىدىن ئايرىلىش ياخشى كەلگۈسىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، بەلكىم تېخىمۇ خارابلىشىپ كېتىشىمۇ مۇمكىن. ياۋرو رايونىغا نىسبەتەن بىر گىرىتسىيەدىن ئايرىلىش ئانچە چوڭ ئىش بولمىسىمۇ لېكىن گىرىتسىيەدە سوچىللارنىڭ باش كۆتۈرۈشى ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى سولچىللارغا ئۈمىد پەيدا قىلماسمۇ؟ بۇ خىل سىياسىيدىكى يۇقۇم قانداق ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ؟ بۇنىڭغا ھېچكىم بىر نەرسە دېيەلمەيدۇ، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى بۇنىڭ پايدىسىدىن زىيىنى چوڭ.
ئۇنىڭ ئۈسىتىگە گىرىتسىيە ياۋرو رايونىدىن ئايرىلسا ياۋرو رايونىغىمۇ تەسىر يېتىدۇ.
25-يانۋارغا ئازا قالدى، كۆپچىلىك زادى كىمنىڭ ئاخىرى غەلبە قىلىدىغانلىقىنى تەققازالىق بىلەن كۈتمەكتە.
![]() |
ئەنگلىيە «مۇستەقىللىق گېزىتى»نىڭ 5-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىراننىڭ رايونلۇق پارلامېنت ئەزاسى سايلىمىدا غەلىبە قىلغان ئايال سىياسىي ئەربابىنىڭ ئاممىۋى سورۇندا ياغلىق...
|
![]() |
دېزۇلتى چوڭ سايلامدا غەلبە قىلىپ فىلىپپىن زۇڭتۇڭى بولغاندىن كېيىن، دۋاۋ شەھىرىدىكى يەرلىك سايلام نەتىجىسىمۇ 11- ماي رەسمىي ئېلان قىلىندى، بۇ سايلامدا دېزۇلتىنىڭ قىزى ۋە ئوغلى ئايرىم-ئايرىم...
|
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 12-ماي ، ئۇكرائىنانىڭ كيېۋ، ئۇكرائىنا پارلامېنتى باش تەپتىشنى سايلاۋاتقاندا، ئۇكرائىنا رادىكاللار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن پوروشېنكو ئىتتىپاقى پارلامېنت ئەزال...
|
![]() |
برازىلىيە كېڭەش پالاتاسى 12- ماي ئەيىبلەش دوكلاتىنى ماقۇللاپ، زۇڭتۇڭ روسىفنى 180 كۈنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرماقچى بولغان.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇزۇنغا سوزۇلغان...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved