بۇ كىشىنىڭ ئىسمى نەجىم لائاھاۋى، يالغان ئىسمى سوفىيە كايال. بېلگىيەدىكى ساقچىلار بۇ قېتىمقى تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنقى كۈنى ئۇنىڭ سالاھىيىتىنى ئاشكارلىغان.
جۇڭگو ئاخبارات تورى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى تېلىگىراممىسى، نۇر تورى تەرجىمىسى: فىرانسىيە لې فىگارو گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بېلگىيەدىكى ساقچىلار ئەمدىلا 22-مارت ئايرودروم پارتلىتىش ۋەقەسىدىكى ئاكا-ئۇكا جىنايەتچىلەرنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلىغاندىن كېيىن، يەنە ئۈچىنچى كىشىنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلىغان. جۈملىدىن بۇ كىشى ئاق كىيىم كىيىۋالغان ئەر بولۇپ، بۇ كىشىنىڭ ئىسمى نەجىم لائاھاۋى، يالغان ئىسمى بولسا سوفىيە كايال ئىكەن. بېلگىيەدىكى ساقچىلار بۇ قېتىمقى تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنقى كۈنى پارىژ تېررورلۇق ھۇجۇمىدىكى گۇمانلىق بىر ئادەمنىڭ سالاھىيىتىنى ئاشكارىلىغان. بۇ ئاشكارىلىغان ئادەمنىڭ ئىسمى دەل نەجىم. بېلگىيەدىكى ساقچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، نەجىمنىڭ DNA سى كۆپلىگەن پارتلاتقۇچ دورا قالدۇقلىرى ۋە تۇراقلىق ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېردىكى بومبىنىڭ تاسمىسىدا تېپىلغان. ئىگىلىنىشىچە، ھازىر 24 ياشقا كىرگەن نەجىم بېلگىيەدە تۇغۇلغان بولۇپ، 2013-يىلى 2-ئايدا سۈرىيەگە بارغان. بېلگىيە تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالاقىدار مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشچە، ئۆتكەن يىل پارىژ تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن، دەل سالاھ ئابدۇسالام ماشىنا ھەيدەپ ئاۋسترىيە ۋە ۋېنگىرىيە چېگرادىن ئۆتكەن ۋاقىتتا، چېگرا تەكشۈرۈش خادىملىرى نەجىم ھەيدىگەن ماشىنىنىمۇ تەكشۈرگەن. شۇڭلاشقا ئۇ پارىژ تېررورلۇق ھۇجۇمىغا قاتناشقان دەپ گۇمان قىلىنغان. بۇنىڭدىن باشقا، تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ يەنە كۆرسىتىشىچە، نەجىم سوفىيە كايال دېگەن نام بىلەن بېلگىيەنىڭ بىر كىچىك بازىرىدا ئۆي ئىجارىگە ئالغان بولۇپ، ساقچىلار بۇ ئۆينى تېررورلۇق ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ پاناھلىنىدىغان ئۆيى دەپ گۇمان قىلغان. نەجىمنىڭ DNA سى بۇ ئۆيدىنمۇ تېپىلغان.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved