شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 22-مارت، بېلگىيەنىڭ بىريۇسسېل شەھىرىدە، خەلق ئاممىسى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى. ھازىرغاقەدەر، ئىككى قېتىملىق پارتلىتىش ۋەقەسىدە ئاز دېگەندە 34 ئادەم قازا قىلىپ، 250 گە يېقىن ئادەم يارىلانغان. ئۇدا ئىككى قېتىم پارتلىتىش ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، بېلگىيە دائىرىلىرى بريۇسسېلنىڭ بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇش دەرىجىسىنى ئەڭ ئالىي دەرىجىگە تەڭشىگەن. دائىرىلەر يەرلىك ئاھالىلەرگە، جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، سىرتقا چىقماي، ئۆيىدە تۇرۇشنى؛ ياكى ئەسلى ئورنىدا تۇرۇشنى ئۇقتۇرۇش قىلغان. شۇنداقلا، بېلگىيە دائىرىلىرى يەنە بريۇسسېلدىكى پارتلاش ۋەقەسىنى رەسمى تېررورلۇق ھۇجۇمى دەپ بېكىتكەن.
بېلگىيە باش ۋەزىرى چارلېس چېل، زەنجىرسىمان تېررورلۇق ھۇجۇم ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلەپ، بېلگىيە خەلقىنى سوغۇققان بولۇشقا ۋە بىردەك ئىتتىپاقلىشىشقا مۇراجىئەت قىلغان.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved