رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئېلىشىشى باشلاندى

ئۇكرائىنا كىرىزىسىدە ئەمەلىي خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشلەرنىڭ بولماسلىقى رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئېلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
رۇسىيە 12 – مارت، رۇسىيە قارا دېڭىز فىلوتىنىڭ شۇ كۈندىن باشلاپ ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشكە باشلىغانلىقىنى جاكارلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا يەتتە دۆلەتنىڭ قارا دېڭىزدىكى ھەربىي مانېۋىرىمۇ ئىلىپ بېرىلماقتا.
تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەربىي مانېۋىرىنىڭ بىر بىرى بىلەن تاقىشىپ قېلىشى، غەرب ئەللىرى بىلەن رۇسىيە مۇناسىۋېتىدە جىددىي ۋەزىيەتنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ قېتىم قارا دېڭىزنىڭ بۇلغارىيە قىرغىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن مانېۋىر 10 – مارت باشلانغان بولۇپ، ئىككى ھەپتە داۋاملىشىدىكەن. ئامېرىكا، كانادا، گېرمانىيە، ئىتالىيە، بۇلغارىيە، رومىنىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق يەتتە دۆلەت مانېۋىرغا قاتنىشىش ئۈچۈن ھەربىي پاراخوتلىرىنى ئەۋەتكەن، بۇ ئامېرىكىنىڭ ۋېكىسبۇ ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىلىپ يۈرىدىغان ھۇجۇمچى پاراخوتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مانېۋىرىنىڭ مەزمۇنى ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش، چۆكمە پاراخوتقا قارشى تۇرۇش ۋە كىچىك پاراخوتلارنىڭ ھۇجۇمى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ئۇكرائىنا كىرىزىسى پارتلىغاندىن بۇيان، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى شەرقىي ياۋروپا رايونىدا بىر قاتار مانېۋىرلارنى ئۆتكۈزدى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئۇكرائىنا كىرىزىسى داۋاملىشىۋاتقان، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ۋەزىيەتنى مۆلچەرلىشى قىيىنغا توختاۋاتقان ئەھۋالدا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بۇ قېتىمقى ھەربىي مانېۋىرنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسىتى ئۆزىنىڭ شەرقىي ياۋروپادىكى ئەزا دۆلەتلىرىنىڭ رۇسىيەگە ئۆزىنى كۆرسىتىپ قويۇشتىن ئىبارەت.
رۇسىيە قوراللىق كۈچلىرىنىڭ سابىق باش ئىشتاب باشلىقى بالۇيېۋىسكى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئەسكىرى كۈچىنى يۆتكەپ، مانېۋىر ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، كۈچلىرى كۈچەيگەن ئارمىيەسى ۋە ئېغىر تىپتىكى قوراللىرىنى مانېۋىر ئۆتكۈزگەن جايدا ساقلاپ قالماقچى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي مانېۋىرىنىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي ئىشلار جەھەتتە ھېچقانداق بىر ئېنىق سەۋەبى يوق.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بۇ قېتىم قارا دېڭىزدىكى ھەربىي مانېۋىر قىلغان يېرى قىرىم يېرىم ئارىلىغا پەقەت 500 كىلومېتىر كېلىدۇ. تەھلىلچىلەر، بۇنىڭ رۇسىيەنىڭ كۈچلۈك قارشى تۇرۇشىغا ئۇچراپ، ئىككى تەرەپنىڭ قارشىلىشىشىنى كۈچەيتىۋېتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ھەربىي مانېۋىرنى باشلىغاندىن كېيىن، رۇسىيە قارا دېڭىز فىلوتىنىڭ ئاخبارات ئەمەلدارى، قارا دېڭىز فىلوتىغا قاراشلىق بىر شۆبە ئەترىتىنىڭ ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشكە باشلىغانلىقىنى، بۇنىڭدىكى نىشان دۈشمەننىڭ بومباردىمانچى ئايروپىلانى بىلەن ئۇرۇش پاراخوتلىرىغا تەقلىدىي زەربە بېرىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. قارا دېڭىزدىن سىرت، رۇسىيە ئارمىيەسى يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان يەنە قىرىم قاتارلىق كۆپلىگەن جايلاردا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى ھەمدە رۇسىيەدە ياسالغان ئەڭ يېڭى قورال سىستېمىسىنى ئىشلەتتى.
رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروۋ يېقىندا مۇنداق دېدى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ رۇسىيە چېگراسىدا يېقىن جايدا بۇنداق كۆپ ھەربىي ھەرىكەت تەۋرىتىشى ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز ئارا ئىشىنىشىنى قايتىدىن كۈچەيتىشىگە پايدىسىز، رۇسىيە بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرىدۇ. رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق خەلقئارا ھەربىي ئىشلار ھەمكارلىقى باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە رۇسىيەگە بولغان ئاساسلىق ھەربىي تەھدىت ياۋروپا ئەللىرىدىن ئەمەس، بەلكى ئامېرىكىدىن كەلمەكتە، ئامېرىكا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ رۇسىيە بىلەن قارشىلىشىشىغا تۈرتكە بولماقتا.
ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ كۈچ سىنىشىشتىن ئىلگىرى، رۇسىيە غەرب ئەللىرىنىڭ قورشاۋغا ئېلىشى ۋە جازالىشىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ كەلگەنىدى. رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا رۇسىيەنىڭ ‹‹ياۋروپا مۇنتىزىم قوراللار شەرتنامىسى بىرلەشمە كېڭىشىش گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنى››غا ۋاقتىنچە قاتناشماسلىقنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يېڭى شەرتنامىنى بېكىتىشنى مۇزاكىرە قىلىشنى قارار قىلدى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: رۇسىيە 2007 – يىلى بۇ شەرتنامىنى ئىجرا قىلىشنى ۋاقتىنچە توختاتقانىدى، بۇ قېتىمقى ھەرىكىتى غەرب ئەللىرىگە يەنە بىر قېتىم زەربە بەرگەنلىك.
ياۋروپا مۇنتىزىم قوراللار كۈچى شەرتنامىسى 1990 – يىلى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن ۋارشاۋا شەرتنامىسى تەشكىلاتى ئىمزالىغان بولۇپ، 1992 – يىلى كۈچكە ئىگە بولغان. شەرتنامىدە ئىككى چوڭ ھەربىي گۇرۇھنىڭ مۇنتىزىم قوراللىق قىسىملىرى بىلەن مۇنتىزىم قوراللىرىنىڭ سانى، رايون چەكلىمىسى، دۆلەتلەرنىڭ سان چەكلىمىسى ۋە يادرو تەكشۈرۈش ئۇسۇلى تەپسىلىي بېكىتىلگەنىدى. ۋارشاۋا شەرتنامىسى 1991 – يىلى 7 – ئايدا تارقىتىۋېتىلدى، بۇ شەرتنامىگە 1999 – يىلى تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى، 2004 – يىلى رۇسىيە پارلامېنتى شەرتنامىنىڭ توزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھەسىنى تەستىقلىدى، بىراق شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بۇ شەرتنامىنى تەستىقلاشنى رەت قىلىپ كەلدى.
رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ھەربىي ھازىرلىقلارنى كونترول قىلىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى مۇنداق دېدى: موسكۋانىڭ بىرلەشمە كېڭىشىش گۇرۇپپىسى يىغىنىغا قاتنىشىشنى ۋاقتىنچە توختىتىشىدىكى بىۋاسىتە سەۋەب توردا ئاشكارىلانغان ھۆججەتتىن بولدى. بۇ ھۆججەتتە، ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بىرلەشمە كېڭەش گۇرۇپپا يىغىنىدا ھەر قانداق ئەمەلىي خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشى چەكلەندى، شۇڭا رۇسىيە بۇ گۇرۇپپا يىغىنىغا داۋاملىق قاتنىشىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى قالمىدى، دەپ ھېسابلايدۇ. رۇسىيە بۇ قارارنى ئېلان قىلغان كۈنى، ئامېرىكىنىڭ مالىيە مىنىستىرلىقى، رۇسىيەنىڭ سودا بانكىسى، رۇسىيە ياۋروپا ئاسىيا ياشلار ئىتتىپاقى ھەمدە رۇسىيەدىكى كۆپلىگەن ئەربابلار، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي رايونىدىكى ئەلئارا قوراللىق كۈچلەرنىڭ رەھبىرى قاتارلىقلارغا يېڭى نۆۋەتلىك جازانى يولغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى. رۇسىيەلىك ئەربابلار مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بۇ ھەرىكەت رۇسىيەنىڭ ياۋروپا مۇنتىزىم قوراللىق كۈچلەر شەرتنامىسى بىرلەشمە كېڭىشىش گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىشنى ۋاقتىنچە توختاتقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭغا بولغان نارازىلىقىنى كۆرسەتتى. رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى كاراسىن يېقىندا ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەگە قارىتا يېڭى بىر نۆۋەتلىك جازانى يولغا قويۇشى قارشىلىشىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدۇ، دېدى.



خەتكۈچلەر:
19-03-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
17-04-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 17- ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبسىتان ئوباما ھۆكۈمىتىگە ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ: ناۋادا ئامېرىكا پارلامېنتى يېڭى قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاپ، 11- سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسىدە مەسئۇلىيە...
17-04-2016
   فرانسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئېررو ۋە گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ستەيىنمېيىل تۈنۈگۈن لىۋىيەنىڭ پايتەختى تىرىپولىغا يېتىپ بېرىپ، لىۋىيە مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئېررو شۇ كۈنكى مۇخبى...
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
Powered by Leglek