ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .
4-ئاينىڭ 22-كۈنى چاۋشىيەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىسترىلىقىنىڭ ئېيتىشىچە ،كورىيە ئارمىيىسى چاۋشيەننىڭ تېنفورى يادرو سىنىقى ئارىلىدا خىزمەتچىلەر بىلەن ئاپتوموبىل ھەرىكىتىنىڭ كۆپىيىپ قالغانلىقى بايقىغان ،كورىيە ئارمىيىسى بۇنىڭغا ئاساسەن ،چاۋشىيەن قىسقا ۋاقىتتا تۇيۇقسىز يادرو سىنىقى قىلىشى مۇمكىن دەپ ھۆكۈم قىلغان .
بەزى كورىيە تاراتقۇلىرى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى ، يەنى جۈمە كۈنى چاۋشيەننىڭ ئارمىيە قۇرۇلغان كۈنى ،ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما شۇ كۈنى كورىيەگە زىيارەتكە كېلىدۇ ، شۇڭا چاۋشىيەن بۇ كۈننى تاللاپ ، تۆتىنچى قېتىملىق يادرو سىنىقى قىلىپ ئوبامانى چۆچۈتىۋېتىشى مۇمكىن دەپ كۆرسەتتى .لېكىن چاۋشىيەن ھۆكۈمىتى ياكى چاۋشيەننىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى بۇنىڭغا ھازىرغىچە ئىنكاس قايتۇرمىدى .
كورىيە دۆلەت مۇداپىئە باياناتچىسى مۇنداق دېدى :‹ئارمىيىمىز ئونسۇرى يادرو سىنىقى مەيدانىنىڭ ئەتراپىدا ھەر خىل ھەرىكەتلەرنى بايقىدى › دېدى . كورىيە دۆلەت مىنىستىرلىقى بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ ، تېخىمۇ كۆپ تەپسىلارلارنى ئاشكارىلىمىدى ،كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ،چاۋشىيەن ھازىر رشەرقىي شىمالدىكى ئونسۇرى يادرو سىنىقى مەيدانى ئەتراپىغا يەر تەۋرەش دولقۇنىنى ئۆلچەش قۇرۇلمىسى ئورنىتىۋېتىپتۇ ،ھەمدە ئۆلچە شقۇرۇلمىسى بىلەن يەر يۈزىدىكى ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئارىلىقىغا خەۋەرلىشىش كابىلى يېيىتىۋېتىپتۇ .كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقى ، بۇ ئالامەتلەر چاۋشىيەن بۇيرۇق چۈشۈرسىلا ، چاۋشيەننىڭ ھەرقانداق چاغدا يادرو سىنىقى قىلالايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ دېگەن .
كورىيەنىڭ مەركەز گېزىتمۇ ئاخبارات خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى :‹چاۋشىيەن تېنسورى يادرو سىنىقى زاۋۇتىنىڭ ئۈچىنچى يولىدا ئۇرۇشقا جىددىي تەييارلىق قىلىۋاتقان بولىشى مۇمكىن ،كۆزىتىشلەرگە قارىغاندا ئاپتوموبىللار توختىماي ھەرىكەت قىلىۋېتىپتۇ،خاڭيۇ زەننىڭ ئەتراپىغا توپىلار دۆۋىلەپ قۇيۇلۇپتۇ ،بۇ ئەھۋاللار ئۈچىنچى قېتىم يادرو سىنىقى قىلىشنىڭ ئالدىدىكى ئەھۋاللارغا ئوخشاپ كېتىدىكەن ›. مەركەز گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە يەنە مۇنداق دېيىلدى :‹چاۋشىيەن بۇرۇنقى ئۈچ قېتىملىق يادرو سىنىقىدا ئالتىنى خەۋەر قىلغان .خەۋەر قىلغان ۋاقىتتىن سىناق قىلغان ۋاقىتقا بىر ئاي ۋاقىتمۇ كەتمىگەن .
چاۋشيەننىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى ئالدىنقى ئاينىڭ 30كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن :‹ چاۋشىيەن ئامېرىكىنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىن پايدىلىنىپ ،چاۋشىيەننى يىتىم قالدۇرۋاتقانلىقىغا قارىتا يېڭىچە يادرو سىنىقى قىلىپ ،بېسىمغا تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلمايدۇ .لېكىن كورىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى چاۋشىيەن يادرو سىنىقىغا ساختا تەييارلىق قىلىۋاتقان بۇلۇش مۇمكىن ،چۈنكى چاۋشىيەن بۇرۇنمۇ مۇشۇنداق ئۇسۇلنى قوللانغان دېدى .
كورىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ بىرلەشمە قوماندانلىق شىتابى كىرزىسىنى ھەرتەرەپلىمە تۈزەشمنى ئىشقا سېلىپ ،چاۋشيەننىڭ ئىش ھەرىكىتىنى كېچە كۈندۈز كۆزەتتى ھەمدە ھەربىي مۇداپىئە كۈچىنى كۈچەيتتى .
لەگلەك تور ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved