جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 16-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:
ئىراق ئارمىيە تەرەپ 15-ئاپرېل مۇنداق دېدى: ئەسەبىي تەشكىلات بولغان ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى قوراللىق خادىملىرى شۇ كۈنى ئىراقنىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئەنبار ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى رامادى شەھىرىنىڭ كۆپلىگەن رايونلىرىنى ئىگىلىۋالدى، بۇ شەھەر ئومۇميۈزلۈك خەۋپ ئىچىگە كىرىپ قالدى. ئەنبار ئۆلكىسىدىكى ئارمىيە تەرەپنىڭ بىر ئەربابى شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن مۇنداق دېدى: رامادى شەھەرنىڭ شەرقىي قىسىمدا ھەرىكەت قىلىپ يۈرگەن ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبي تەشكىلاتىنىڭ قوراللىق ئۇنسۇرلىرى شۇ كۈنى ئۈچ ئاپتوموبىل بىلەن سوفىيا رايونىدىكى ساقچى ئىدارىسىغا ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىپ ھۇجۇم قوزغىدى، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ نەچچە ئون قوراللىق ئۇنسۇر بۇ رايوننى ساقلاۋاتقان ئىران بىخەتەرلىك قىسىمى بىلەن خەلق ئەسكەرلىرىگە شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغىدى، بىر قانچە سائەت شىددەتلىك سوقۇشقاندىن كېيىن بۇ رايون قولدىن كەتتى، ھەمدە ئۇنىڭغا يېقىن ئاربۇگقامۇ، ئاربۇماخارى ۋە ئاربۇسۇدا رايونلىرىنىمۇ ئارقا-ئارقىدىن كونتىرول قىلدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved