ئامېرىكا شۇ جاي ۋاقتى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئامېرىكىلىق رېژىسسور كۈەنتىن تارانتىنو ھوللىۋودتىكى چولپانلار كوچىسىدا ئىسمىنى قالدۇردى. دوستى تىم روس، سامۇئېل جېكسون، پام گرىئېر، جېننىفېر جەيسېن لېي، «بىلنى ئۆلتۈرۈش» تىكى باش رولچىنىڭ ئورنىغا ئالماشقۇچى زوئىي بېل قاتارلىقلار نەق مەيدانغا كېلىپ تەبىرىكلىدى، سۇس كۆك رەڭلىك گۈللۈك قىسقا كۆينەك كىيگەن قىز دوستى كورتنېي خوفمانمۇ كۈەنتىننى تەبىرىكلىدى.
شۇ كۈنى دەل سامۇئېل جېكسوننىڭ 67 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنى بولۇپ، سامۇئېل جېكسون سەھنىگە چىقىپ كۈەنتىن تارانتىنونى تونۇشتۇردى، ئىككىسىنىڭ بۇندىن ئىلگىرى چولپانلار كوچىسىدا بىرگە ماڭغان كۆرۈنۈشلىرىنى ئەسلىدى.
كۈەنتىن تارانتىنو 1963-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى ئامېرىكا تېننىسى شىتاتى نوكىسۋېلدا تۇغۇلغان، 1987-يىلى تۇنجى كومېدىيەلىك قىسقا فىلىم «ئەڭ ياخشى دوستۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى» نى سۈرەتكە ئالغان. 1991-يىلى، «جاننى ئالىدىغان رومانتىكا» نىڭ سىنارىيەسىگە تايىنىپ 50 مىڭ دوللار كىرىم قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۈچىنچى سىنارىيەسى «سۇغا چۈشكەن ئىت» نى سۈرەتكە ئېلىشنى قارار قىلغان. 1994-يىلى جىنايەت ئۆتكۈزۈش ۋەقەلىك فىلىمى «Pulp Fiction» غا تايىنىپ گانا كىنو بايرىمىدا ئالتۇن پالما مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، 1995-يىلى ئوسكار ئەڭ نادىر ئەسلى ئىجادىيەت سىنارىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، ئۆزىنىڭ ھوللىۋودتىكى ئورنىغا ئاساس سالغان.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved