لەگلەك تورى تەرجىمىسى : جوڭشىن تورى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى تېلىگىراممىسى، ئىتالىيە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ دېيىشچە، بىر كۆچمەنلەر كېمىسى ئوتتۇرا دېڭىزىدا ئۆرۈلۈپ كەتكەن. بۇ كېمىدە 700 ئەتراپىدا ئادەم بار بولۇپ، قۇتقۇزغۇچى خادىملار قۇتقۇزۇشنى ھەركىتىنى جىددىي ئىلىپ بارماقتا.
ئىتالىيە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ دېيىشچە، بۇ كۆچمەنلەر كېمىسى يېرىم كىچىدە ئۆرۈلۈپ كەتكەن بولۇپ، كېمىدە 500 دىن 700 گىچە ئادەم بار ئىكەن. نۆۋەتتە ئاران 28 ئادەم قۇتقۇزۋىلىنغان.
ئىتالىيە مۇھاپىزەت ئەترىتى باياناتچىسنىڭ دېيىشچە، كۆچمەنلەر كېمىسى ئۆرۈلۈپ كەتكەن جاي لىۋىيەنىڭ سۇ دائىرىسى بولۇپ، ئىتالىيە لەمپۇدۇسا ئارىلىغا تەخمىنەن 210 كىلومېتىر كېلىدىكەن.
نۆۋەتتە، ئىتالىيە كېمىلىرى ۋە مالتا دېڭىز ئارمىيەسى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە قاتناشقان.ئىتالىيە مۇھاپىزەت ئەترىتى تەرەپنىڭ دېيىشىچە،قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ كىيىنكى نەچچە سائەتلىك ئىزدەپ قۇتقۇزۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولسا ۋاپات بولغانلارنىڭ جەستىنى تېپىش ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved