سۇمۇرۇغ تورى خەۋىرى ،لەگلەك تورى تەرجىمىسى .
جىلىن ئارخىپ سارىيىدا ھازىر ياپون ئارمىيىسى جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان مەزگىلدە يازغان ئارخىپ پارچىسىدىن يۈز مىڭ پارچىسى بار ،بۇ ئارخىپلارنىڭ ھەممىسىنى ياپون ئارمىيىسى ئۆزى يېزىپ قالدۇرغان ،جىلىن ئارخىپ سارىيى يېقىندا بۇ ئارخىپلارنىڭ ئىچىدىكى 89 پارچىسىنى سىرىتقا ئېلان قىلدى .
ئارخىپ سارىيىنىڭ خاتىرلىشىچە ،ياپونىيە 1945-يىلى 15-ئاۋغۇست تەسلىم بولغاندىن كېيىن ،ياپونىيە ئارمىيىسى چاڭچۈندىن چېكىنگەندە كۆيدۈرۈپ تۈگىتەلمىگەن ئارخىپلارنى كۆمۈۋەتكەن .جىلىن ئارخىپ سارىيى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىلى قۇرۇلغاندا بۇ ئارخىپلارنى بايقىغان .قىسمەن ئارخىبلار تۇلۇق بولمىسمۇ ، لېكىن ساراي خىزمەتچىلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر نىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ،تەرجىمە قىلىشى بىلەن ، بۇ ئارخىبلار سەككىز تېما بويىچە رەتلىنىپ ئېلان قىلىنغان .ئارخىبلاردا نەنجىڭ قىرغىنچىلىقى ،731-قىسىم ،ھال سورىغۇچى ئاياللارنى بۇلاپ كېلىش ،ئەنگلىيە ئامېرىكا ئەسىرلىرىنى خورلاشتەك ،جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قىلمىشلىرى پاش قىلىنغان . ئىلگىرى ياپونىيىدە بەزى كىشىلەر بىرىنچىدىن نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلمىغان ، يەنە بىرى نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقى يۈز بەرگەندە نەنجىڭ شەھىرىنىڭ ئاھالىسى پەقەت 200مىڭ دېگەن .بۇنى ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئۆزلىرى ئويدۇرۇپ چىقارغان .
يەنە ياپون ئارمىيىسى نەنجىڭنى ئىشغال قىلىشتىن ئىلگىرى ئاھالىسى بىر مىليون ئىدى دېگەن . بىز بۇ تارىخى ماتېرىياللارنىڭ ئىشلىتىلىشىدىن ،ياپونىيىنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدىكى تۈرلۈك زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنى تەتقىق قىلىپ بىلەلەيمىز . شۇڭا بۇ سارايدا ساقلانغىنى بىر تۈركۈم تارىخى قىممەتلىك ماتېرىيال .
پولاتتەك پاكىت - جىلىن ئۆلكىسى يېقىندا تاپقان ياپونىيىنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش ئارخىپىنى تەتقىق قىلىش ناملىق كىتابمۇ يېقىندا تارقىتىلدى .بۇ كىتابتا جىلىن ئۆلكىلىك ئارخىپخانا يېقىندا ئېلان قىلغان 89 پارچە ياپونىيىنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش ئارخىبى ئاساس قىلىنىپ ،ياپونىيىنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىشىدىكى پولاتتەك پاكىت يەنە بىر قېتىم كىشىلەرگە نامايان قىلىندى .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved