ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى نېفىت كۆپلۈكى بىلەن داڭق چىقارغان، نېفىت بۇ دۆلەتكە مول بايلىق ئاتا قىلدى. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى يەتتە خەلىپىلىكتىن تەركىب تاپقان، يەنى ئەبۇزەبى خەلىپىلىكى، شارجاھ خەلىپىلىكى، دۇبەي خەلىپىلىكى، فۇجاراي خەلىپىلىكى، خائىماھ قولتۇقى خەلىپىلىكى، ئۇم ئەل كۇۋاين خەلىپىلىكى، ئاجمان خەلىپىلىكىدىن ئىبارەت. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى تەخمىنەن ئۈچ مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا، 2011- يىلى بۇ دۆلەتنىڭ نېفىت زاپىسى توققۇز مىليارد 780 مىليون تۇڭغا يەتتى.
شەيخ خەلىفە بىن زاھىد ئەل ناھايان (Sheikh Khalifa bin Zayed al-Nahayan):
15 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن 23 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغىچە.65 ياشلىق شەيخ خەلىفە بىن زاھىد ئەل ناھايان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى ئەڭ باي كىشى بولۇشقا نائىل، ئۇ يەنە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ پرېزىدېنتى. شەيخ خەلىفە بىن زاھىد ئەل ناھاياننىڭ مۈلكىنىڭ مۆلچەرلەنگەن قىممىتى 15 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن 23 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغىچە كېلىدۇ. ئۇ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ پرېزىدېنتلىقىغا تەيىنلەنگەن. ئۇ تەخمىنەن توققۇز مىليارد 780 مىليون تۇڭ نېفىت زاپىسىغا ئىگە ھەمدە جاھاندىكى 2- چوڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق بايلىق فوندى (فوندنىڭ مۈلكىنىڭ قىممىتى 627 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ) نى كونترول قىلغان. ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ تەخمىنەن 15 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدە بايلىقى بار دەپ قارالماقتا.
شەيخ مۇھەممەد بىن راشىد ئەل مەكتوم (Sheikh Mohammed bin Rashid al Maktoum):
18 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى.شەيخ مۇھەممەد بىن راشىد ئەل مەكتوم ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ باش ۋەزىرى ۋە مۇئاۋىن پرېزىدېنتى. ئۇ ئىزچىل تۈردە خەير- ساخاۋەت ئىشلىرى ۋە تالاش- تارتىشلارغا قاتنىشىپ تۇرىدۇ، ئۇ ياش ئوغۇللارنى تۆگە بەيگىسىگە قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرگەن دەپ ئەيىبلەنمەكتە. شەيخ مۇھەممەد بىن راشىد ئەل مەكتومنىڭ غايەت زور پايدىسى ئۇنىڭ چىقىمىنى قامدىشىغا ماسلاشقان، مەسىلەن ساياھەت كېمىسى، نەسىللىك ئات دېگەندەك.
مەجىد ئەل فۇتتام (Majid Al Futtaim):
ئۈچ مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى.مەجىد ئەل فۇتتامنىڭ ئۈچ مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مۈلكى بار. گەرچە بۇنىڭ كۆپىنچىسى مىراس قالغان بولسىمۇ، ئەمما باشقا بايلىقلىرى پارچە سېتىش ۋە خۇجىلىق كەسپىدىن كەلگەن. ئۇ 1992- يىلى مەجىد ئەل فۇتتام پاي كونترول شىركىتىنى قۇرغان، بۇ شىركەتنىڭ تىجارىتى 12 دۆلەتكە چېتىلىدۇ. ئۇ يەنە ئۈچ تارماق شىركەتتىكى 11 مېھمانساراي ۋە 16 سودا ساراينى باشقۇرىدۇ، 48 تاللا بازىرىنى يۈرۈشتۈرىدۇ، 12 دۆلەتتە 50 سېتىش مەيدانى بار. ئۇنىڭ يەنە بىر پۇل مۇئامىلە شىركىتى، كىيىم- كېچەك سېتىش كەسپى بار.
ئابدۇللا بىن ئەھمەد ئەل غۇرەير (Abdulla bin Ahmad Al Ghurair):
ئۈچ مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى.ئابدۇللا بىن ئەھمەد ئەل غۇرەير ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە 4- ئورۇندا تۇرىدىغان باي كىشى، ئۇ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى مەشرىق بانكىسىنىڭ باش مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ.
ئابدۇل ئەزىز ئەل غۇرەير (Abdul Aziz Al Ghurair):
ئىككى مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرى.ئابدۇل ئەزىز ئەل غۇرەير 1952- يىلى 11- ئاينىڭ 2- كۈنى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە تۇغۇلغان. بۇ مىلياردېر كالىفورنىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان بولۇپ، ھازىر بەش بالىسى بار. 59 ياشلىق غۇرەير ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان سودا بانكىسىنىڭ باش مۇدىرى. ئابدۇل ئەزىز ئەل غۇرەيرنىڭ مۈلكى ئىككى مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىشى بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى 5- ئورۇندا تۇرىدىغان بايغا ئايلاندى.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشۇۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved