جۇغراپىيەلىك سىياسىي خەتەر، قىسمەن ئىقتىسادى گەۋدىلەر ئاجىز بولۇش ۋە ياشلارنىڭ ئىشسىز قېلىشى ئېغىر بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ئالدىدا، دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ دائوس يىغىنىغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ يىل يەر شارى ئىقتىسادى دۇچ كېلىدىغان خىرىس ئۆتكەن يىلىدىكىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېشىشى ۋە ئىقتىسادى ئىسلاھات پايدىسى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلماقتا.
دائوس مۇنبىرىگە قاتناشقان ئىقتىساد مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ يىل يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ يۈزلىنىشى ئېشىش تەڭپۇڭ بولماسلىق، نېفىت باھاسىدا داۋالغۇش بولۇش ۋە ئىشسىزلىق نىسبىتى يۇقىرى بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىشى مۇمكىن.
ئەنيۇڭ بوغالتىرلار ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ باش ئەمەلدارى كارمىنىې دى سىبىئو شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: بۇ يىل دائوس مۇنبىرى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسىگە ئەندىشە قىلىش كەيپىياتىنى ئىپادىلىدى. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، بۇ كەيپىيات ئاساسلىقى ياۋروپادىن كەلدى. يەنە بەزى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىقتىسادى گەۋدىلەرنىڭ ئېشىش كۆزلىمىسى تۆۋەن مۆلچەرلەندى. ئەسلىگە كېلىش تەڭپۇڭ بولمىغانلىقتىن، ئامېرىكا قاتارلىق ياخشى ئېشىش رايونىغا كىرگەن دۆلەتلەر پۇل قىسىش سىياسىتىنى يولغا قويۇشقا باشلىدى، ھالبۇكى ياۋروپا، ياپونىيە بولسا ئاجىز ئىقتىسادنى قوزغىتىش ئۈچۈن پۇلنى قويۇۋېتىش سىياسىتىنى يولغا قويدى، بۇ يەر شارىنىڭ پۇل سىياسىتى قېلىپىغا غەلىتە ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدۇ.
يەر شارى ئىقتىسادىدىكى يەنە بىر مۇقىمسىز ئامىل خەلقئارادىكى نېفىت باھاسىدا كەسكىن داۋالغۇش بولغانلىقىدا، نۆۋەتتە نېفىت باھاسى ئۆتكەن يىلى 6-ئايدىكىدىن %50كە يېقىن چۈشتى. سىبىئو مۇنداق دېدى: يىغىنغا قاتناشقان بارلىق مېھمانلار دېگۈدەك نېفىت باھاسى قىسقا ۋاقىتتا نىسبەتەن مۇقىم بولىدۇ ، تۆۋەن نېفىت باھاسى نېفىت ئىمپورت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەرگە ئەكسىچە تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ قارىدى. بەزى مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: تۆۋەن نېفىت باھاسى ئېنېرگىيەنى كۆپ ئىسراپ قىلىدىغان سانائەتنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تىپىنى ئۆزگەرتىش ۋە تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلىشى مۇمكىن.
دۇنيانىڭ ئىقتىسادى ۋەزىيىتى ئېنىق بولمىغان ئەھۋالدا، بۇ قېتىمقى دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىگە قاتناشقان ھەرقايسى تەرەپ ۋەكىللىرى جۇڭگونىڭ ئىجابىي كۈچىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى.
زۇڭلى لى كېچياڭ مۇنبەردە مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىقتىسادى %7 ئاشتى، يىللىق ئېشىش مىقدارىمۇ 800 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشتى. مېنىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بولغان ۋەدەمدىن نۇرغۇن دۆلەتلەر جۇڭگو بىلەن سودا، مەبلەغ سېلىش، پۇل مۇئامىلە ۋە پەن تېخنىكا ساھەسىدىكى ھەمكارلىققا تېخىمۇ ئوبدان قارىدى.
يېڭى زېللاندىيە زۇڭلىسى جون كى مۇنداق دېدى: زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ سۆزى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ياخشى تەرەققىي قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بەردى، بۇ يەر شارىغا نىسبەتەن ياخشى خەۋەر.
جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ مالىيە مىنىستىرى ئېنلەنلا نېينې مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئىسلاھات مەنزىرىسى باشقا يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىقتىسادى گەۋدىلەرنىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىش ئىشەنچىسىگە ئىلھام بېرىدۇ، مەن دىققەت قىلىۋاتقان ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەرنىڭ پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىق ساھەسىدە جۇڭگو ئامىلىنىڭ ئىجابىي رولىنى كۈتمەكتىمەن.
قازاقىستاننىڭ مەبلەغ سېلىش ۋە تەرەققىيات مىنىستىرى ئىسكېشوف مۇنداق دېدى: زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ سۆزى جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ھەمكارلىق مەنزىرىسىگە تېخىمۇ ئىجابىي سىگنال بەردى. ئىككى تەرەپ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئېنېرگىيە، تېلېگراف، ئۇچۇرچىلىق تېخنىكىسى قاتارلىق تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تارماقلىرىنىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.
نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ سودا ساھەسىدىكى ئەربابلار مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش شەكلىدە بۇرۇلۇش ياساش ۋە ئىچكى تەلەپكە تۈرتكە بولۇش تەدبىرى بىزنى جۇڭگو بازىرىغا مەبلەغ سېلىشنى كۆپەيتىشكە جەلپ قىلدى، بۇنىڭدىن بىز ئىسلاھاتتا تىپىنى ئۆزگەرتىشتىن ئورتاق بەھرىمەن بولىمىز.
يەر شارى ۋە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنىڭ تۈرتكۈچ كۈچ مەنبەسى ئۈستىدە ئىزدەنگەندە يىغىنغا قاتناشقانلار يۇقىرى پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ساھەسىدە نى-نى ئىشلارنى قىلىشقا بولىدۇ، دەپ قارىدى.
سىبىئو مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى دائوس يىللىق يىغىنىدىكى ئەڭ ئاچقۇچلۇق قارالمىلارنىڭ بىرى پەن تېخنىكا ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتىنى چۆرىدەپ ئېلىپ بېرىلدى. بىز پەن تېخنىكا ئىنقىلابىدا تۇرۇۋاتىمىز، ئاپتوموبىلنى ئاپتوماتىك ھەيدەش، ماشىنا ئادەم قاتارلىق نۇرغۇن ئىلغار لېكىن يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا توغرا كېلىدىغان ساھەلەرنىڭ يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى يوشۇرۇن نۇقتا بولۇپ قېلىشىدىن ئۈمىد بار.
ياۋروپا تەتقىقات كېڭىشىنىڭ رەئىسى ران پېئەي بۇكىنىفون زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ سۆزىگە باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو رەھبەرلىرىنىڭ پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش كۈچى يېڭىلىق يارىتىش ساھەسىدىكى ئىلغار ئەنئەنىگە ئىگە ياۋروپا رايونىنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى.
نۇرغۇن داڭلىق جۇڭگونىڭ پەن تېخنىكا شىركەتلىرى بۇ قېتىمقى مۇنبەردە جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى قوزغىتىش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇشتەك ياخشى ئۈنۈمىنى نامايان قىلدى، شۇنداقلا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.
جۇڭگونىڭ پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كەسپى جەھەتتىكى تەرەققىيات ئىستىقبالى ھەققىدە سىبىئو مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىشقا بولغان چۈشەنچىسى بارغانچە چوڭقۇرلاشتى، جۇڭگو پەن تېخنىكا كەسپى جەھەتتە بارغانچە ياخشى ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ، ئەلى بابا قاتارلىق كارخانىلار تېخىمۇ كۆپ يېڭىلىق يارىتىش ۋەزىيىتىنىڭ جۇڭگودا بارلىققا كېلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved