خوڭۋاڭ تورى مۇخبىرلىرى 25-مارت ئىلان قىلىپ،بىر ۋىلسىپىت،بىر سومكا،ئىككى قىزىل بايراق بىلەن،ئۆتكەن يىل 5-ئاينىڭ 24-كۈنى ۋىلسىپىت سەپىرىنى باشلىغان شىنجاڭ غۇلجا ناھىيلىك ياش دولقۇن تۇرغۇنجاننىڭ ئىش پائالىيەتلىرىنى تۇنۇشتۇردى.
دولقۇن 10 ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ،شىزاڭ،يۈننەن،سىچۈەن،چوڭچىڭ ۋە گۈيجوۋ قاتارلىق بەش ئۆلكە ۋە شەھەرگە بىرىپ،3-ئاينىڭ 14-كۈنى خۇنەن ئۆلكىسىگە كىردى. باشقا يەردىكىگە ئوخشاش دولقۇن خۇنەننىڭ بارغان يىرىدىلا شۇ يەردىكى ئۇيغۇر قىرىنداشلارنى يوقلاپ ،ئۇلارغا يۇرتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى دەپ بەردى،ھەم شۇ يەردىكى يەرلىك قىرىنداشلارغا شىنجاڭنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادىتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ،ئۇلارنى شىنجاڭغا كىلىپ مىھمان بولۇشقا،ساياھەت قىلىشقا تەكلىپ قىلدى.پۈتۈن يول ئۈستىدە ئۇ نۇرغۇن گۈزەل مەنزىرلەرنى تاماشا قىلدى ۋە نۇرغۇن دوستلار بىلەن تونۇشتى.ئۇ يەنە بارغان يەردىكى ئالاقىدار يەرلەرنىڭ تامغىسىنى قويغۇزدى.
ئۇ مۇخبىرغا بىز ۋە جوڭگۇدىكى ھەممە مىللەتلەر بىر ئائىلە،مەڭگۈ ئايرىلمايمىز،كۆپچىلىك مۇشۇنداق چۈشىنىشىپ ئۆتسەك نىمانداق ياخشى دىدى.24-مارت،خۇنەن چاڭشادا ئىككى كۈن ئارام ئالغان دولقۇن ئۆزىنىڭ داۋاملىق ماڭغۇسى بارلىقىنى ،بارمىغان 400دىن ئارتۇق شەھەرنى ئايلىنىپ،جوڭگۇ ئارزۇسنى تاماملايدىغانلىقىنى ئىيىتتى.
خوڭۋاڭ تورى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
. لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ——ئىزدەش نامى LEGLEK
مەنبە:http://gb.cri.cn/42071/2014/03/26/6611s4479361.htm
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved