ياز كۈنلىرى تەرنى ئالدىراپ سۈرتىۋەتمەڭ

ياز كۈنلىرى تەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇرىدۇ. نۇرغۇن كىشى تەرلىگەندە تەرنى دەرھال سۈرتىۋېتىشكە ئادەتلەنگەن.بىراق سالامەتلىك نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تەرلىگەندىن كېيىن تەرنى دەرھال سۈرتىۋېتىش سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەن.


يۇقىرى تېمپېراتۇرا شارائىتىدا، تەر بەزلىرى نۇرغۇن تەر سۇيۇقلىقىنى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، ئۇ پارغا ئايلانغاندا ئىسسىقلىق ھاسىل بولۇپ، ئىسسىقلىقنى تارقاقلاشتۇرۇپ تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش رولىنى ئوينايدۇ. ئادەم بەدىنىدە 1 مىللېلىتىر تەر سۇيۇقلۇقى پارغا ئايلانغاندا 0.58 مىڭ كالورىيە ئىسسىقلىقنى ئېلىپ كېتىدۇ. بولۇپمۇ مۇھىت تېمپېراتۇرىسى بەدەن تېمپېراتۇرىسىغا يېقىنلاشقاندا ياكى ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتكەندە پارغا ئايلانغان تەر سۇيۇقلۇقى ئادەم بەدىنىدىكى بىردىن بىر ئىسسىقلىقنى تارقاقلاشتۇرىدىغان ئۇسۇلغا ئايلىنىدۇ. ئەگەر تەرلىگەندىن كېيىن دەرھال سۈرتىۋەتسە تەر پارغا ئايلىنىپ ئىسسىقلىقنى تارقاقلاشتۇرۇش رولىنى ئوينىمايدۇ. ئىسسىقلىق تارقالمىغانلىقتىن، تەر بەزلىرى تەر سۇيۇقلۇقىنى داۋاملىق ئاجرىتىپ، بەدەندە ساقلىنىپ قالغان نۇرغۇن تۇز تەركىبلىرى، ۋىتامىن قاتارلىقلار سەرىپ بولۇپ كېتىدۇ، بۇ سالامەتلىككە زىيانلىق. شۇڭا ئەگەر سىزدە توختىماي تەر چىقسا ئالدىراپ سۈرتىۋەتمەڭ.


ئەسكەرتىشكە تېگىشلىگى شۇكى، ئەگەر تەرلىگەندىن كېيىن دەرھال ھاۋا تەڭشىگۈچلۈك ئۆيگە كىرسە ياكى مۇھىت تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆزگىرىشى چوڭ ئورۇندا تۇرسا بەدەن تېمپېراتۇرسىنىڭ جىددىي تۆۋەنلىشى كېلىپ چىقىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا دەرھال تەرنى سۈرتىۋېتىش بىلەن بىللە سوغۇق شامالنىڭ بىۋاسىتە ئۇرىلشىدىن ساقلىنىپ، تەر بەزلىرىنىڭ ئىتىلىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. ئەڭ ياخشىسى لۆڭگە ياكى تۆۋەن تېمپېراتۇرلۇق لۆڭگە بىلەن سۈرتۈش كېرەك. بۇ ۋاقىتتا تېرىدىكى تۈك تۈشۈكچىلىرى ۋە ئىنچىكە قان تۇمۇرلار تېز ئېچىلىپ، ئىسسىقلىقنىڭ تېخىمۇ ياخشى تارقىلىشىغا پايدىلىق بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئادەم بەدىنى سوغوق ۋە راھەتلىك بولىدۇ. ئەگەر سوغوق لۆڭگە بىلەن سۈرتسە تېرە سوغۇقنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچراپ، تۈك تۆشۈكچىلىرىنىڭ ئىتىلىپ قېلىشى، قان تومۇرلارنىڭ قىسقىرىشى، بەدەنگە توپلانغان ئىسسىقلىقنىڭ تارقىيالماي، ئەڭ ئاخىرىدا ئىسسىقتىن بىزار بولۇش سېزىمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بەزىلەر تەر چىققاندىن كېيىن دەرھال سوغوق سۇدا چايقىلىۋالىدۇ، بىراق تېرە سۇغاق سۇ بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن قان تومۇرلار تۇيۇقسىز قىسقىراپ ئىنچىكىلەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن قانلار يۈرەككە ئېقىپ كىرىپ، يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، ئالاقزادە بولۇش، نەپەس بوغۇلۇش، باش قېيىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.تەر كۆپ چىققاندىن كېيىن ئاۋۋال بەدەن تېمپېراتۇرسى ئەسلىگە كەلگىچە بىرئاز ئارام ئېلىپ، تەر قۇرۇغاندىن كېيىن ئاندىن يۇيۇنۇش كېرەك.


تەر كۆپ چىققاندىن كېيىن سوغوق سۇ ئىچىشكە بولمايدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن تۈك تۆشۈكچىلىرىنىڭ ئىتىلىپ قېلىشى كېلىپ چىقىپ، تەر ۋاقتىنچە چىقالماي بەدەن تېمپىراتۇرسىنىڭ تۆۋەنلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، زۇكام بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تەر كۆپ چىققاندا ئېغىز قۇرۇپ كەتسە ئاۋۋال ئىلمان قايناقسۇ ئىچىپ ئېغىزنى نەمدەپ، ئېغىزنىڭ تېمپېراتۇرسىنى پەسەيتىش كېرەك. 10 مىنۇتتىن كېيىن بىر قانچە قېتىمغا بۆلۈپ ئاز مىقداردا ئىلمان تۇز سۈيى ئىچىش كېرەك، شۇنداق قىلغاندا كۆپ مىقداردا چىققان تەر بىلەن چىقىپ كەتكەن تۇز تەركىبىنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ. يېرىم سائەت ئۆتكەندىن كېيىن بىرقەدەر كۆپ مىقداردا چاي ئىچكەندە ئادەم بەدىنىدىكى ھەر قايسى ئەزالارنىڭ ماددا ئالمىشىش ئېھتىياجىنى قاندۇرغىلى بولىدۇ. سۇ تەركىبىدىن باشقا تەر بىلەن چىقىپ كەتكەن ئادەم بەدىنىگە ئېھتىياجلىق كالىي ۋە ۋىتامىن C قاتارلىق سۇدا ئىرىشچان ۋىتامىنلارنى تۇلۇقلىغىلى بولىدۇ. شۇڭا ئىسسىق كۈنلەردە پۇرچاق، پالەك، بەرەڭگە، پىچەكگۈل، كەرەپشە، ئوسۇڭ، بانان، ئاپېلسىن قاتارلىق كالىي تەركىبىي مول يېمەكلىكلەر ۋە مايمۇن شاپتۇلى قاتارلىق تەركىبىدە ۋىتامىن C مول بولغان مېۋىلەرنى ئىستېمال قىلىش كېرەك.



خەتكۈچلەر:
09-07-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
20-05-2016
    تەپتىش ئورگانلىرى قانۇنسىز ۋاكسىنا تىجارەتكە چېتىشلىق 125 گۇماندارنى قولغا ئالدى، ۋەزىپىسىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت سادىر قىلغان 37 ئادەمگە دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى تەستىقلىدى. مۇخبىرنىڭ 20-چېسلا ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى...
20-05-2016
    دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 19- ماي جەنۋەدە ئېلان قىلغان يېڭى دوكلاتىدا مۇنداق دېگەن: يەر شارى نوپۇسىنىڭ ئوتتۇرچە ئۆمرى 2000- يىلدىن 2015- يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا 5 ياش چوڭىيىپ، 71.4 ياشقا كۆپەيگەن بولۇپ، بۇ مۇشۇ ئەسىرنىڭ ...
20-05-2016
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 19-ماي ئەڭ يېڭى دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، ئۆتكەن ئون بەش يىلدا يەرشارى ئوتتۇرىچە مۆلچەر ئۆمرى بەش ياش يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، دېدى. بۇنىڭ ئىچىدە ياپونىيە ئاياللىرى ۋە شىۋېتسارىيە ئەرلىرىنىڭ مۆلچەر ئۆمرى ئەڭ ئۇزۇن، ئايرىم-ئا...
19-05-2016
    ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 17-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا شىمالىي كارولىنالىق بىر ئايال ھامىلدار بولغىنىغا توققۇز ئاي بولغان بولسىمۇ، يەنىلا ئېغىرلىق كۆتۈرۈشنى مەشىق قىلىپ، تەخمىنەن 45 كىلوگىرام ئېغىرلى...
18-05-2016
يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن قىسمى ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنىڭ كېلىشىملىك مۇلازىمىتىگە ئىشلىتىلىدۇ چاۋ جىن خەۋەر قىلىدۇ: 2016 – يىللىق ئاساسىي قاتلام ساقلىق ساقلاش خىزمىتى يىغىنى يېقىندا ئۆتكۈزۈلدى. ئىگىلىشىمچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاسا...
17-05-2016
ئەنگىلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ 16- مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىدىكى تۇنجى كۆپىيىش ئەزاسى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى ئۆتكەن ھەپتە غەلىبىلىك تاماملانغان. 64 ياشلىق ئەر توماسنىڭ ئوپېراتسىيەنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنكى روھى ھالىتى ناھاي...
16-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:    جۇڭگولۇق بىرى يەر شارى بويىچە تۇنجى باش ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسىنى قوبۇل قىلىدۇ، ۋاقتى ۋاقتىنچە 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئوپېراتسىيە قىلىش بېكىتىلدى. جۇڭگو گېزىتى تورىنىڭ 15- ماي خەۋىرى: «ھىندىس...
15-05-2016
خەلقئارا راك كېسىلى تەتقىقات ئورنى 1965-يىلىدىن باشلاپلا راك كېسىلى پەيدا قىلىدىغان ئامىللارنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشكەن. بۇ ئورگان يېقىندا راك كېسلىنى پەيدا قىلىدىغان ماددىلارنى تۆت دەرىجىگە بۆلۈپ چىققان، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى يېمەك-ئىچمەك ب...
15-05-2016
1. سۈت تەركىبىدە ئادەمدە چارچاش تۇيغۇسى پەيدا قىلىدىغان ئامىنو كىسلاتاسى بار بولۇپ، ئۇ ئادەمنىڭ ئۇيقۇسىنى كەلتۈرىدۇ. ئۇخلاشتىن ئىلگىرى بىر ئىستاكان قىزىق سۈت ئىچىۋېتىپ ياتسا، تېز ئۇخلىغىلى بولىدۇ. ياشانغانلارنىڭ ئۇيقۇسىزلىقىغا نىسبەتەن ئ...
15-05-2016
خەلق تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئامېرىكا دۆلەتلىك سەھىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ بىر كىچىك تەتقىقات گۇرۇپپىسى بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. ئۇلار ئەيدىز ۋىرۇسىدىكى يېڭى بىر نۇقتىنى ۋە بۇ خىلدىكى ئانتىتېلانىڭ تە...
Powered by Leglek