رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 19-ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە ، رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋا ئەتراپىدىكى ئۇچۇشنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ باياناتچىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى : رۇسىيە فېدېراتىپ ئالەم مەھكىمىسىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالىكساندىر بىلەن ئولېگ رۇسىيەنىڭ تەتقىقات پىلانىغا ئاساسەن خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى مەركىزىدىن چىقىپ ، بوشلۇقتا ئالتە سائەت 50 مىنۇت ماڭغان . ئىگىلىنىشىچە ، ئالەم كېمىسىنىڭ ئىشىكى 19-ئىيۇن سائەت 17:50 تە ئېچىلىپ ، 20-ئىيۇن سائەت 0:16 دە تاقالغان .
نۆۋەتتە ، خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى مەركىزىدە جەمئىي ئالتە نەپەر ئالەم ئۇچقۇچىسى بار بولۇپ ، ئۇلار خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى مەركىزىنىڭ 40-قېتىملىق تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ قوماندانى ستېفىن ( ئامېرىكىلىق ) ، خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى مەركىزىنىڭ 40-قېتىملىق تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئىنژېنېرى ئالىكساندىر ( رۇسىيەلىك ) ۋە ئولېگ ( رۇسىيەلىك ) ، 40- قېتىملىق تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئىنژېنېرى ، 41-قېتىملىق تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ قوماندانى ماكسىم ( رۇسىيەلىك ) ، 40-، 41-قېتىملىق تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئىنژېنېرى رېئىد ( ئامېرىكىلىق ) ۋە گېست ( ياۋروپا ئالەم بوشلۇقى ئىدارىسى ) .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved