شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى تۇنجى باجدىن خالىي رايون بولغان قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى تۈنۈگۈن تاموژنا باش مەھكىمىسى، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات مەھكىمىسى، مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئون مىنىستىرلىق، كومىتېتنىڭ بىرلىشىپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، شىنجاڭدىكى 2-، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۇنجى تاموژنا رەسمىيىتى ئۆتىمەيدىغان رەسمىي ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونغا ئايلاندى.
بۇ-يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ مەركىزىي رايونىدىكى شىنجاڭنىڭ سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى كۈچەيتىش پىلانلىرىنىڭ بىرى. شىنجاڭ يەنە قۇرۇلۇپ بولغان باجدىن خالىي رايونلىرى ۋە پات ئارىدا ئېچىلىدىغان باجدىن خالىي رايونلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئېكسپورت پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ رايون ئەۋزەللىكى ۋە سىرتقا ئېچىۋېتىش ئېغىزى بولغان ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇپ، يول ئىقتىسادىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سودا ئىقتىسادىغا ئۆزگەرتىپ، شىنجاڭنىڭ سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved