سۇمۇرۇغ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .مەركىزى كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى ،دۆلەت رەئىسى ،مەركىزى ھەربىي كومىتېتنىڭ شۇجىسى شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭدا مەملىكەتلىك دەم ئېلىش ۋە پىنسىيىگە چىققان كادىرلار ئىلغا كوللېكتىپى ۋە ئىلغار شەخسلەر ۋەكىلى بىلەن قىزغىن كۆرۈشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى :
پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتى ئىنتايىن مۇھىم خىزمەت بۇلۇپ ،پارتىيىنىڭ خىزمىتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ ،پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ پېشقەدەم يولداشلارغا كۆڭۈل بۆلىشى ۋە غەمخورلۇق قىلىشىدىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ،ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر پارتىيىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ،جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقنى جارى قىلدۇرۇپ ،يېڭى ۋەزىيەتتىكى پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتىنى ئەستايىدىل ئىشلەپ ،پارتىيە مەركىزى كومىتتىىتنىڭ پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتىگە دائىر تۈرلۈك فاڭجېن سىياسەتلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك .
مەركىزى كومىتېت سىياسىي بىيرۇسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى ،مەركىزى كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى لىيۇ يۈنشەن ،مەركىزى كومىتېت سىياسىي بىيرۇسىنىڭ ئەزاسى ،گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلىلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى .چۈشتى بۇرۇن سائەت 9:00دا شى جىنپىڭ قاتارلىقلار خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭ سارىيىدا ۋەكىللەر بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى .شى جىنپىڭ قاتارلىقلار كوللېكتىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى .كېيىن شى جىنپىڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى :‹بۇ قېتىملىق مەملىكەتلىك دەم ئېلىشقا ۋە پىنسىيىگە چىققان كادىرلار كوللېكتىپى ۋە ئىلغار شەخسلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى ئىنتايىن مۇھىم يىغىن ،بۇ يىغىننىڭ ئېچىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ كۆپچىلىكنى يوقلمىساق بولمايدۇ دەپ ئويلىدىم .
شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزى كومىتېتى ،گوۋۇيۈەن ،مەركىزى ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى .مەملىكەتتىكى دەم ئېلىشقا ۋە پىنسىيىگە چىققان كادىرلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى ۋە سەمىمىي سالام يوللىدى .پېشقەدەم كادىرلار كوللېكتىپى ۋە بىرىنچى سەپتە جاپالىق خىزمەت قىلىۋاتقان يولداشلاردىن ھال سورىدى ھەم ئۇلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى :‹پىنسىيىگە چىققان كادىرلار دۆلەتنىڭ قىممەتلىك بايلىقى ،مەركىزى كومىتېت تەشكىلات بۆلىمى بۇلتۇر پېشقەدەم يولداشلار ئارىسىدا ‹بۇ بىر يىلدا › دېگەن پائالىيەتنى تەشكىللىگەن ئىدى .بۇ يىل پارتىيە قۇرۇلۇشلىرىغا بولغان قاراشلىرىم دېگەن پائالىيەتنى قانات يايدۇردى ،بۇنىڭدىن پېشقەدەم يولداشلارنىڭ پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ چوڭ سىياسەت چوڭ فاڭجىنلىرىنى ئومۇميۈزلۈك مۇئەييەنلەشتۈرۈپ يۈكسەك باھا بېرىدىغانلىقىنى پارتىيىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى قەتئىي ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى ،ئىستىل ئۆزگەرتىش چىرىكلىكنى قاتتىق جازالاشنى قاتتىق قوللايدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ ،بۇ پېشقەدەم يولداشلارنىڭ پارتىيىگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى ۋە پارتىيە خىزمىتىگە بولغان چەكسىز ساداقەتمەنلىكىنى تۇلۇق گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى ›.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى :‹پېشقەدەم يولداشلارنىڭ .ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى كەڭ دائىرىدە تەشۋىق قىلىش،پۈتۈن جەمئىيەتتە پېشقەدەم يولداشلارنى ھۆرمەتلەش ،پېشقەدەملەرگە غەمخورلۇق قىلىش ،پىشقەدەملەردىن ئۆگىنىشتەك ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈش لازىم .پېشقەدەم يولداشلارنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى ،تەجرىبە ئەۋزەللىكى ئابروي ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ ،پېشقەدەم يولداشلارنى جۇڭگونىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەشكە جۇڭگو روھىنى جارى قىلدۇرۇشقا ،جۇڭگودىكى ياخشىسى سادالارنى تارقىتىشقا تەشكىللەش ،پۈتۈن پارتىيە پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ سوتسىيالىستىك يادرو قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىش كېرەك .پېشقەدەم يولداشلارنى ھەقىقىي قىيىنچىلىقىنى ئەمەلىي ھەل قىلىپ ،ئۇلارنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىنى بەخىتلىك ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك .شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى :‹پېشقەدەم يولداشلارنىڭ شانلىق تارىخىنى قەدىرلەپ ،سىياسىي خىسلىتىنى ساقلاپ پارتىيىنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى بىلەن ئېسىل ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇپ قوش يۈز يىل كۈرەش نىشانىنى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى ئۈچۈن ئاكتىپ تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى ›.
لىيۇ يۈنشەن تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى ،ئۇ مۇنداق دېدى :‹باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى پارتىيە مەركىزى كومىتتىىتنىڭ پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ،دەم ئېلىشقا پىنسىيىگە چىققان كادىرلارغا بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى تۇلۇق نامايان قىلىپ بەردى .پارتىيە خەلقنىڭ پېشقەدەم يولداشلارنىڭ تارىخى تۆھپىسىگە بولغان تۇلۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەردى ،باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇپ ،پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنى ،پارتىيە مەركىزى كومىتېتنىڭ دەم ئېلىشقا پىنسىيىگە چىققانلارغا قاراتقان تۈرلۈك ياخشى سىياسەتلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ خىزمەتنى كەڭ پېشقەدەم يولداشلار رازى بولغۇدەك قىلىش كېرەك .ئەسلىنى ئۇنۇتمىغاندا كەلگۈسىنى بەرپا قىلغىلى بولىدۇ ،پېشقەدەم كادىرلارنىڭ تارىخى تۆھپىسىنى باشتىن ئاخىرى ئەستە چىڭ تۇتۇپ ،پېشقەدەم يولداشلار بارلىققا كەلتۈرگەن قىممەتلىك روھىي بايلىقنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ تارىخى كۈچ ئۇلاپ تەرەققىي قىلىش يۆنىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ،ئەجدادلارنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىشتا كەلگۈسىگە يۈزلىنىش ئىشەنچىسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك .چوڭلارنى ھۆرمەتلەش چوڭلارنى قەدىرلەش شەرەپلىك ئەنئەنىسىنى زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرۇپ ،پېشقەدەم يولداشلارنى قەدىرلەپ ،ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىپ كۆپرەك ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش كېرەك .چوڭلارغا پايدىلىق چوڭلارغا قولايلىق تېخىمۇ كۆپ كونكرېت تەدبىرلەرنى يولغا قۇيۇپ ،پېشقەدەم كادىرلارغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ئەتراپلىق ئىنچىكە ئىشلەش كېرەك .پېشقەدەم يولداشلارنىڭ مول تەجرىبىسى ئەقىل پاراسىتى ۋە كىشىلىك ھايات كەچۈرمىشلىرى بار ،پېشقەدەم كادىرلارنىڭ ئاڭلىق ئىختىيارى ھالدا ،ئەھۋالغا يارىشا رولىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇپ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ،ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك جارى قىلدۇرۇش ،دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە تۆھپە قوشۇشنى قوللاش كېرەك .بولۇپمۇ كەڭ پېشقەدەم يولداشلارنىڭ ئەۋلادلارغا غەمخورلۇق قىلىش پائالىيىتىگە قىزغىن قاتنىشىپ ،ياشلار ئۆسمۈرلەرگە تارىخنى ئەمەلىيەتنى چۈشەندۈرۈپ ،ئىدىيۋى ئاڭنى سىڭدۈرۈپ ،ياشلار ئۆسمۈرلەرنىڭ كىشىلىك ھاياتنىڭ تۇنجى قەدىمىنى ياخشى بېسىشىغا ،توغرا دۇنيا قاراش ،توغرا كىشىلىك ھايات قارىشى ،قىممەت قارىشىنى تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بېرىشىگە ئىلھام بېرىش كېرەك ،دەم ئېلىشقا پىنسىيىگە چىققان كادىرلار قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ ،پېشقەدەم كادىرلار ئالاھىدە قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ ،پائالىيەت مەزمۇنىنى بېيىتىپ خىزمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ ،پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ پېشقەدەم يولداشلارنى جەم قىلىش ،پېشقەدەم يولداشلارغا خىزمەت قىلىش رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇش كېرەك .
مەركىزى كومىتېت سىياسىي بىيرۇسىنىڭ ئەزاسى ،مەركىزى كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجىياڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ۋە تەقدىرلەش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى .ئىچكى مۇڭغۇل ئاپتونوم رايونى ئالشا ئايمىقىنىڭ پىنسىيىگە چىققان كادىرى سۇخې ،بېيجىڭ ھەربىي رايونى باش دوختۇرخانىسىدىن پىنسىيىگە چىققان كادىر سۈن ماۋفاڭ ،بېيجىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئامانلىقنى ساقلاش باش ئەترىتىنىڭ پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى ئاۋانگارتلار ئەترىتى ۋاقىتلىق پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇ جىسى جاڭ يۇڭ يىغىندا سۆز قىلدى ،ماكەي شۈ چىلىياڭ ،لى جەنشۇ ،ۋە مەركىزى ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى جاڭ ياڭ يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK.
![]() |
ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1 – يانۋاردىن باشلاپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالغانلار تۇرالغۇ جامائەت فوندى يېڭى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە قەرز قايتۇرىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved