ئىراق بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ خەۋەردار ئەربابى تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: ئىراقتىكى كۇرت قوراللىقلىرى «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ئەسەبىي تەشكىلاتى كونتروللىقىدىكى ئىراق بىلەن سۇرىيە چېگراسىدىكى مۇھىم بازار رابىئەنى قايتۇرۇۋالدى، ئەسەبىي تەشكىلاتنىڭ 40دىن ئارتۇق ئادىمىنى ئېتىپ تاشلىدى.
بۇ خەۋەردار ئەرباب مۇنداق دېدى: كۇرت قوراللىقلىرى شۇ كۈنى ئامېرىكا ئارمىيەسى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ھاۋادىن ياردەم بېرىشى ئارقىسىدا ئىراقنىڭ شىمالىدىكى نىنوۋا ئۆلكىسىدە «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ئەسەبىي تەشكىلاتىنىڭ ئۇنسۇرلىرى بىلەن شىددەتلىك جەڭ قىلىپ، ئىراق ۋە سۇرىيە چېگراسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم بازار رابىئە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى نۇرغۇن كەنتنى قايتۇرۇۋالدى. ھەرىكەتتە كۇرت قوراللىقلىرىنىڭ ئىككى ئادىمى قازا قىلدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved