سىز زىھنىڭىزنى يىغىن خىزمەت قىلىش ياكى ئۆگىنىش قىلىشنى ئويلىغان بولسىڭىمۇ، ئەمما يەنىلا يانفۇن ئوينىغىڭىز كەپ كېتىدىغان ئەھۋالنى باشتىن كەچۈرۈپ باققانمۇ؟ ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ خىل ئاۋارچىلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن، ياپونىيەدىكى بىر كۈندىلىك تۇرمۇش بويۇملىرىنى لايىھەلەش كارخانىسى ئۇلارنىڭ يېڭى مەھسۇلاتى « تەيلاڭ يانفۇن پېچىتى »نى ئوتتۇرىغا چىقارغان بولۇپ، بۇ مەھسۇلات مەخسۇس « يانفۇن خۇمارى »نى داۋالايدىكەن.
خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، كىشىلەرنىڭ يانفۇندىن ۋاقىتلىق يىراق تۇرۇشىغا ياردەم بېرىدىغان « تەيلاڭ يانفۇن پېچىتى » ئەمەلىيەتتە ئۇزۇنلىقى 170 مىللىمېتىر،كەڭلىكى 10.5 مىللىمېتىر كېلىدىغان، ئاچقاندا ئىلىپىس شەكىلگە كېلىدىغان قەغەز پېچەت ئىكەن.
قۇشۇمچە قەسەمنامىگە يانفۇننى پېچەتلەش مەقسىتى، ۋە پېچەتنى ئېچىش ۋاقتى خاتىرلىنىپ، يانفۇن بىلەن بىرلىكتە يانفۇن پېچىتىنىڭ ئارقىسىغا قىستۇرۇلۇپ قويۇلىدىكەن. بۇ مەھسۇلاتنىڭ سېتىلىش باھاسى 880 ياپونىيە يىنى ( تەخمىنەن 48 يۈەن خەلق پۇلى ) ئىكەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved