خام ماتېرىيالى: ئۇن، ماي، گۆش، پىياز، سەۋزە، كۆك قىزىل مۇچ، پۇشۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلدىغان ماي 1.5 كىلوگىرام.
تەم خۇرۇچلىرى: تۇز، قارمۇچ، شىكەر
تەييارلاش ئۇسۇلى: ئۇنغا مۇۋاپىق ماي، بىر چىمدىم تۇز سېلىپ، ئېتىنى بوشراق ئېلىپ پىتىر خىمىر يۇغۇرۇپ تەييارلىۋالىمىز. گۆشنى ئۇششاق توغراپ پاكىزە تازىلانغان پىياز، سەۋزە، كۆك - قىزىلمۇچلارنى ماسلاشتۇرۇپ تەييارلىۋالىمىز. قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىغاندا توغرالغان گۆشنى سېلىپ قورۇپ سۈيى قاچقاندا ئازراق تۇز، قارمۇچ تالقىنى، توغرالغان پىيازنى سېلىپ قورۇپ تەمىنى تېتىپ قاچىغا سۈزۈپ تەييارلاپ قويىمىز.
تەييارلانغان خېمىرنى ئۇزۇن پىلتە قىلىپ ئۆلچەملىك زۇۋۇل ئۈزۈپ ھەربىر زۇۋۇلنى تەكشى نىپىزلىقتا يىيىپ ھەربىرسىنىڭ ئوتتۇرسىغا تەييارلانغان پىششىق قىيمىدىن ئېلىپ قاتلاپ چۆرىسىنى چىمدىپ قىيىقچا پىچاق بىلەن چۆرسىنى گۈل چىقىرىپ كېسىپ تەييارلىۋالىمىز.
پىشۇرۇش ئۇسۇلى: قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىغان مايغا سامبوسىنى سېلىپ سارغۇچ قىزارتىپ پۇشۇرۇپ ئېلىپ تەخسىگە تىزىپ قويۇپ ئۈستىگە شېكەر تالقىنى سېپىپ تەييارلايمىز.
ئالاھىدىلكى: سامبوسانىڭ رەڭگى ئالتۇن رەڭ پارقىراق، خېمىرى نىپىز سەل چۈرۈك، قىيمىسى تەملىك مەززىلىك، شەكلى كۆركەم، زىياپەتلەردە ئالاھىدە تەييارلىنىدۇ.
3-ئىيۇن، كۇۋەيتتىكى مەلۇم تاللا بازىرىدا، بىر ئەر ‹‹يۈرەك›› شەكىللىك تاۋۇزنى كۆرسەتمەكتە. بۇنداق ئاز كۆرۈلىدىغان ‹‹يۈرەك›› شەكىللىك تاۋۇز كۇۋەيتكە ياپونىيەدىن ئىمپورت قىلىنغان بولۇپ، ھ...
|
لەگلەك تور تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
Copyright ©2013-2014 by www.leglek.com all rights reserved