مىسىر نېمە سەۋەبتىن ئافرىقا ئىتتىپاقىغا قايتىپ كېلەلىدى؟

ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك كېڭىشى 17-ئىيۇن كەچتە يىغىن ئېچىپ، مىسىرنىڭ ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قارار قىلدى. مىسىر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ بۇنى قارشى ئالدى ھەمدە ھەر قايسى ساھەلەردىكىلەرنىڭ رايون ئىچىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىدا مۇھىم رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇردىغانلىقىنى بىلدۈردى.


ئۆتكەن يىلى ئىيۇلدا مىسىر ئارمىيە دائىرىلىرى مۇرسىنى زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغاندىن كېيىن، ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى مىسىرنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىنى ۋاقتىنچە توختاتقان ئىدى. تەھلىلچىلەر مىسىرنىڭ بىر يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن كېيىن مۇشۇنداق ئوڭۇشلۇق ھالدا ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا قايتىپ كېلەلىشىدە بىر قانچە سەۋەب بار دەپ ھېسابلىدى: بىرىنچىدىن، مىسىرنىڭ ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا بولغان مۇھىملىقى ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مىسىرغا بولغان مۇھىملىقىدىنمۇ ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ.
مىسىر، لىۋىيە، ئالجىرىيە، جەنۇبىي ئافرىقا ۋە نىگېرىيە ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى «بەش ماگنات»، ھەر يىلى تاپشۇرىدىغان ئەزالىق بەدەل پۇلى ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى مالىيەسىدە ناھايىتى مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى مىسىرنى بۇ ئىتتىپاقدىن چىقىرىۋەتسە ئۆزى تىجەشلىك كۈن ئۆتكۈزۈشى كېرەك.


مىسىرنى ئېلىپ ئېيتساق، گەرچە ئۇ ئافرىقا قىتئەسىدە بولسىمۇ، لېكىن بىر ئەرەب دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن مىسىر بىلەن غەربىي ئاسىيانىڭ مۇناسىۋىتى ئافرىقىدىنمۇ يېقىن، ناسىر، ساداد، مۇبارەك قاتارلىق بىر قانچە نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتلەر مىسىرنى ئەرەب دۇنياسىدىكى بىرىنچى چوڭ دۆلەت قىلغان، شۇنداق بولغاچقا، ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى مىسىرنى چىقىرىۋەتكەنلىكىنى جاكارلىغاندا، مىسىر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى دەرھال قاتتىق پوزىتسىيەدە بولۇپ، ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭ قارمىقىدىكى تەشكىلاتلاردىكى خىزمەتچى خادىملىرىمىزنى قايتۇرۇپ كېلىمىز، ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن بولغان بارلىق مۇناسىۋىتىمىزنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈزىمىز، مەبلەغ ياردەم بېرىشنى توختىتىمىز دەپ تەھدىت سالدى. ئەكسىچە ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى بۇنىڭغا يۇمشاق پوزىتسىيەدە بولۇپ، مىسىر دېموكراتىك سايلام ئۆتكۈزۈپ، ئاساسىي قانۇن تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرسىلا ئۇنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئويلىشىمىز ھەمدە ۋەكىللەر ئۆمىكىنى ئارمىيە دائىرىلىرى قوللاۋاتقان مىسىر ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈشكە ئەۋەتىمىز دېدى.
ئىككىنچىدىن، ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مىسىرنى چىقىرىۋېتىش قارارى ئامالسىزلىقتىن چىقىرىلغان.


‏ئۇزۇندىن بۇيان، ئافرىقا ئەللىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ خىرىسىغا دۇچ كەلدى، كۆپلەپ يۈز بەرگەن ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش ئافرىقا ئەللىرىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى، جەمئىيىتى ھەتتا رايون تەرتىپىگە ئېغىر زەربە ئېلىپ كەلدى، بۇ ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنى ئەزالىرىنىڭ ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشلىرىگە قارىتا ھەرگىز سەۋر قىلىپ تۇرماسلىق پوزىتسىيىسىنى قوللىنىشقا مەجبۇر قىلدى، شۇڭا ئۇ قۇرۇلغان دەسلەپكى ۋاقىتتا ماقۇللىغان نىزامنامە، بەلگىلىمىلەردە ھەر قانداق بىر ئەزا دۆلەت پەقەت ئاساسىي قانۇن شەكلى ئارقىلىقلا خەلق سايلىغان ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇۋېتەلەيدۇ، ھەممىسى ئەزا دۆلەتلىك سالاھىيىتىدىن توختىتىلىدۇ دېيىلگەن. مىسىردىن ئىلگىرى ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇشۇ بەلگىلىمىگە ئاساسەن، مالى ۋە ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىنى ۋاقتىنچە توختاتقان ئىدى.
ئۈچىنچىدىن، سېسى رەھبەرلىكىدىكى مىسىر يېڭى ھۆكۈمىتى ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا قايتىپ كېلىشنى دىپلوماتىيە جەھەتتىكى قاتماللىقنى بۇزۇپ تاشلاشنىڭ مۇھىم قەدەم دەپ قاراپ، بۇ مۇساپىگە پائال تۈرتكە بولىدۇ.
ھازىر ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى، ئامېرىكىنىڭ مىسىرغا بولغان پوزىتسىيىسىدە ئۆزگىرىش بولدى. لېكىن مىسىرنىڭ دېموكراتىك سىياسىي تۈزۈلمىگە ئوڭۇشلۇق ئۆتۈش ياكى ئۆتەلمەسلىكىدىن يەنىلا گۇمانلانماقتا، مىسىرنىڭ قورال ئىمبارگوسىمۇ پۈتۈنلەي بىكار قىلىنمىدى. بۇنىڭدىن سىرت، تۈركىيە، قاتار قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ سېسىنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش مەيدانىنى ئەيىبلىشىدىمۇ كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىشلەر بولمىدى، مىسىرنىڭ دىپلوماتىيە مۇھىتى يەنىلا ناھايىتى كەسكىن بولماقتا. ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا قايتىپ كېلىش يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ خەلقئارانىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىشىدىكى مۇھىم بىر بەلگە، بۇ ناھايىتى زور دەرىجىدە ئۇنىڭ خەلقئارادىكى قانۇنلۇقلىقىنى ئۆستۈرىدۇ، بۇ دىپلوماتىيە جەھەتتىكى قاتماللىقنى بۇزۇپ تاشلاش، دىپلوماتىيە مۇھىتىنى ياخشىلاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇنىڭدىن شۇنى مۆلچەرلەشكە بولىدۇكى، كەلگۈسىدە مىسىر ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ پائالىيەتلىرىگە پائال قاتلىشىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ خەلقئارا سىياسىي سەھنىدە تېخىمۇ جانلىق بولۇپ، ئۆزىنىڭ بۇ رايوندىكى چوڭ دۆلەتلىك تەسىرىنى تەدرىجىي ئەسلىكە كەلتۈرەلەيدۇ.



خەتكۈچلەر:
20-06-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
30-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر كوچىلارغا چىقىپ، <ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش شېرىكلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمى> (TTIP) شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ مالىي...
28-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
28-05-2016
    رۇسىيە NTV تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، كانادا، ئامېرىكا، فرانسىيە ۋە ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى پەقەت رۇسىيە مىنسكى كېلىشىمىنى تولۇق ئىجرا قى...
28-05-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
28-05-2016
      شۇ يەر ۋاقتى 27-ماي، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتى سانتىياگو، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترامپ سانتىياگودا سايلام يىغىلىشى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسى قولىدا تاختىلارنى كۆت...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چاۋشيەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانى مۇنداق دېگەن: شۇ كۈنى كورىيە ئارمىيەسى چاۋشيەننى...
28-05-2016
يەر شارى تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ۋېيتنام تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېيتنام ھۆكۈمىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى 22 دۆلەت ۋە رايوندا تۇرۇشلۇق 80 دىن ئارتۇق ۋېيتناملىقىنى نەنشا تاقىم ئارى...
28-05-2016
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنىتلىقىنىڭ 27-ماي ئېيتىشىچە، جەنۇبىي ئوسېتىيەنىڭ رەھبىرى تىبىلوۋ ۋە پارلامېنىت رەئىسى بىبىلوۋ 26-ماي جەنۇبىي ئوسېتىيە 2017-يىلى رۇسىيەگە قوشۇلۇشقا ئوم...
27-05-2016
     5-ئاينىڭ 26-كۈنى، گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ چېگرىسىدىكى كىچىك كەنت ئىدومېنى. مۇساپىرلار بۇ يەردىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. 24-مايدىن باشلاپ، گىرېتسىيە ساقچى تەرەپ، رەسمىي ھالدا گىرېتسىيە-...
Powered by Leglek