بۇ يىل مەركەز نوپۇس تۈزۈم ئىسلاھاتنى <<تۆت مۇھىم خىزمەت>> لەرنىڭ بىرى قاتارىغا كىرگۈزۈپ،6-ئاينىڭ 26-كۈنى تۇنجى قېتىملىق ئىسلاھات تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، يەنى :شەھەر- بازار ۋە كىچىك شەھەرلەرنىڭ نوپۇسقا ئالدۇرۇش چەكلىمىسىنى ئومۇمىي يۈزلۈك بىكار قىلىش، ئوتتۇراھال شەھەرلەرنىڭ نوپۇسقا ئالدۇرۇش چەكلىمىسىنى تەرتىپ بىلەن بىكار قىلىش، چوڭ شەھەرلەرنىڭ نوپۇسقا ئالدۇرۇش شەرتنى پەيدىنپەي بوشىتىش، ئالاھىدە چوڭ شەھەلەرنىڭ نوپۇسقا ئالدۇرۇش شەرتىنى مۇۋاپىق بەلگىلەش، تەدرىجىي ھالدا شەرتكە ئۇيغۇن بولغان دېھقانچىلىق كۆچمە نوپۇسلىىنى شەھەر نوپۇسىغا كىرگۈزۈشدىن ئىبارەت. بۇ قېتىمقى ئىسلاھاتنىڭ ئىلگىرىكىدىن روشەن پەرقى، ئىلگىرى ئۆلكە دەرىجىلىك ۋە ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن شەھەرلەرنىڭ شەرتىنى پەيدىنپەي بوشىتىش شەت قىلىناتتى. بۇ قېتىم بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ قاتارلىق ئالاھىدە چوڭ شەھەرلەرمۇ ئىسلاھات دائىىسىگە كىرگۈزۈلدى.
1985-يىلى، دۆلەت كۈچى چەكلىك ھالەتتە پىلانلىق ئىگلىكنى (ئىقتسادنى) يۈرگۈزۈش ئۈچۈن، شەھەر- يېزىلار ئايرىم ھالدا<< نوپۇس تەۋەلىكىنى تىزىملاش نىزامى>> نى يۈرگۈزدى. نىزامغا ئاساسەن، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ياكى ھەربىي بولۇشتىن سىرت، يېزا نوپۇسدىكىلەرنىڭ شەھەر نوپۇسىغا يۆتكىلىدىغان باشقىچە يولى يوق ئىدى.
50 نەچچە يىللار بۇيان، نوپۇس تۈزۈم ئىسلاھاتىدىكى ئىزدىنىشنىڭ مۇشەققەتلىك بولۇشىدىكى سەۋەب، نوپۇس تەۋەلىكى ئېلىپ كەلگەن ئىجتىمائىي پاراۋانلىقتا. دۆلەت قۇرۇلغاندىن بۇيان، شەھەر ۋە يېزا نوپۇسىدا ئاش دېگەندە 60 نەچچە خىل پاراۋانلىقتا پەرق بار. بۈگۈنكى كۈنلۈكتىمۇ، شەھەر ئاھالىسى بەھرىمەن بولالايدىغان مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، داۋالاش، ئىجىتمائىي سۇغۇرتا، تۇرالغۇ قاتارلىق 17 تۈرلۈك ئىجىتىمائىي پاراۋانلىقتىن سىرتتىن كەلگەن نوپۇستىكىلەر بەھرىمەن بولالماياۇ ياكى ئازغىنە بەھرىمن بولالايدۇ.
نوپۇس تەۋەلىكى پايدا - مەنپەئەت ئەكېلىدىغان ۋاستە بولۇپ قالسا، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرققىياتىغا پايدىسىزدۇر. گۇاڭدۇڭ دوڭۋەن شەھىرى نوپۇس ئادەم سانى پەقەت بىر مىلىيۇن سەككىز يۈزيەتمىش مىڭ، ئەمما سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر سانى ئالتە مىليۇن تۆت يۈز يىگىرمە مىڭ. نوپۇس تەۋەلىكى مەسىلىسى تۈپەيلى، ئاقما نوپۇستىكىلەرنىڭ ئورۇنلاشمىقى تەس، قالمىقى قىيىن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كەين - كەينىدىن كۆرۈلگەن<<ئىشلەمچى قىسلىقى>> يەرلىك كارخانا ۋە ھۆكۈمەت باش ئاغرىتىدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى.
شۇڭا، نوپۇس تەۋەلىكى ئەكەلگەن پاراۋانلىق پەرقنى ئايرىش نوپۇس تۈزۈم ئسلاھاتىدىكىمۇ مۇھىم ئىغ. پرىنسىپ ۋە پىكىر يولى <<نوپۇسنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك ئېتبار بېرىش، پەرقلىق مۇئامىلە قىلىش، تەدرىجىي يۈرگۈزۈش>>. نۆۋەتتە، دۆلىتىمىز ھەر قايسى جايلاردا، يەرلىك ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، بەزى نوپۇس تۈزۈم ئىسلاھاتى تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى. لېكىن، ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا يەنىلا <<كىچىك قەدەمدە ئاستا ئىلگىرىلەش>> باسقۇچىدا. يېقىنقى ئىككى يىلدا، دۆلىتىمىز شەھەر نوپۇسنىڭ ئارانلا 3،5% نى ئىگىلەيدۇ. بازارلاشتۇرۇش سۈرئىتىنىڭ تەلىپىنى قانائەتلەندۈرۈشتىن يەنىلا يىراق.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved