جاھان ئاگېنتلىقى 25-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئۇكرائىنىيەدە ساقچىلار، ھۆكۈمەت يىغىنىغا بېسىپ كىرىپ ئىككى نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك خادىمنى مۇخبىرلار نەخ مەيدان تارقىتىۋاتقاندا، يولسىزلىق جىنايىتى بىلەن قولغا ئالدى.
ئۇكرائىنىيەدە باش مىنىستىر ئارسېني ياتسېنيۇك باشچىلىقىدىكى يىغىنغا بېسىپ كىرگەن ساقچىلار، يۇقىرى دەرىجىلىك ئىككى دۆلەت خادىمىنى قولغا ئالدى. يولسىزلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن جىددى ئىشلار مىنىستىرى ۋە ياردەمچىسى قولىغا كويزا سېلىنىپ يىغىن مەيدانىدىن ئېلىپ چىقىلدى. ئىككى نەپەر خادىم، ئۇكرائىنىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان چەتئەللىك شىركەتلەردىن پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن. باش مىنىستىر ياتسېنيۇك يىغىننى داۋاملاشتۇرغان بولۇپ، قولغا ئېلىش ھەرىكىتىدىن خەۋىرى يوقلىقىنى ئېيتقان. ياتسېنيۇك، «ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بۇ يۇقىرى دەرىجىلىك خادىملارنىڭ جىنايەتلىرى ھەققىدە ماڭا ھازىر خەۋەر بەردى» دېدى.
ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئاۋاكوۋ بولسا، خادىملارنىڭ نىمە سەۋەبتىن ھۆكۈمەت يىغىنىدا قولغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدىكى سۇئالغا، «ئەپسۇسلىنارلىق، ئەمما ھۆكۈمەتتە يولسىزلىققا ئارىلاشقان نۇرغۇن كىشى بار. مەن بۇلارنىڭ چېقىلغىلى بولمايدىغان كىشىلەر ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ قۇيۇشنى مەقسەت قىلدى» دەپ جاۋاب بەردى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved