گىرمانىيەدە يەنە مۇساپىرلار سەتچىلىكى يۈزبەردى،7 ياشلىق قىز باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىن دىيىلمەكتە.
بىر قىز بالا گېرمانىيەدىكى بىرمۇساپىر يىغىۋېلىش مەركىزىدە نۆۋەت بىلەن باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان دەپ قارالماقتا.
دېلو سادىر قىلغۇچىلار ئەرەب مۇھاجىرى بولۇشى مۇمكىن بولۇپ بۇ ۋەقە گېرمانىيەجەمئىيتىدە قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىدى. گېرمانىيە ساقچا دائىرىلىرى بۇ كىشىنىچۆچۈتىدىغان دېلونى تەكشۈرۈشنى باشلىدى.
3-ئاينىڭ21-كۈنىكى" ئەنگلىيە كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتى"خەۋىرىدە بۇ ۋەقە گېرمانىيەنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھەر ھامبۇرگدا يۈز بەرگەن، دەپخەۋەر قىلغان . بۇ قىز بالا ھامبۇرگدىكى يىغىۋېلىش مەركەزدە تۇرىدىغان بولۇپ،ئالبېرت ئېينىشتىيىن ئايلانما يولىدا نۆۋەت بىلەن باسقۇنچىلىق قىلىشقا ئۇچرىغان دىيىلمەكتە. گېرمانىيەۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دېلو سادىر قىلغۇچىلار بەش نەپەر ئەرەب مۇھاجىرى
بولۇپ، بۇ ئەرلەرنىڭ بۇ يىغىۋېلىش مەركىزىگە باشقىلارنى يوقلاش ئۈچۈن كەلگەن ياكىرەسمىي تىزىملىتىپ يىغىۋېلىش مەركىزىدە تۇرۇۋاتقانلىقى تېخى مەلۇم ئەمەس ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە،بۇ يىغىۋېلىش مەركىزى ھۆكۈمەت بىناسىدىن ئۆزگەرتىپ قۇرۇلغان بولۇپ،بۇمۇساپىر يىغىۋېلىش مەركەزدە550 نەپەر مۇساپىر ئورۇنلاشتۇرۇلغان. شۇ يەرلىك پىروكۇراتورالاردېلۇنىڭ مەلۇم قىلىنىپتاپشۇرۇۋېلىنغانلىقى جەزملەشتۈردى ؛"بىز بۇ بەش نەپەر گۇماندارغا نىسبەتەنتەكشۈرۈپ تۇتۇشنى باشلىدۇق ". "ۋەقەنىڭ كونكرېت ئەھۋالى ئېنىق ئەمەس. تەكشۈرمەك داۋامقىلماقتا." نەچچە ئايدىن بېرى،ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتتە مۇساپىرلارنىڭ كەڭكۆلەمدە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئاياللارغا زورلۇق قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىىپ كەلدى.
شۇنداقلا بۇ ئىشلار ياۋروپادا مۇساپىرنىڭ كەڭ كۆلەملىك بۆسۈپ كىرىشىگە نىسبەتەن نارازىلىق كۆتۈرۈلدى
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved