لەگلەك تورى تەرجىمىسى شنخۇا ئاگېنتلىقى 5 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ئۈرۈمچىدىن بەرگەن تېلىگىرامىسى ، مۇخبىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلىق جامائەت خەۋىپسزلىك نازارىتىدىن ئىگىلىشچە ، ئاپتونوم رايونلىق پارتىيە كومتىتى ، ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىك ئاستىدا ، شىنجاڭدىكى جامائەت خەۋىپسزلىك ئورگانلىرىدىكى پۈتۈن ساقچىلارنى ھەركەتلەندۈرۈپ پۈتۈن كۈچى تىرىشىپ 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئەتىگەن يۈز بەرگەن سايباغ رايوندىكى تىرورلىق دىلوسنى پاش قىلىدى .
بۇ زوراۋان تىرورچىلار گۇروھىدا جەمىي 5 ئادەم بار ، 4 نەپەر تىرورچى نەخ مەيداندا پارتلاپ ئۆلگەن . بۇ ئىشنى پىلانلاشقا قاتناشقان پەنە بىر تىرورچى نۇرئەخمەت•ئابلىزنى 5 - ئاينىڭ 22 -كۈنى كەچتە شىنجاڭ بايىنغۇلدا قولغا ئالغان . ئۆلگەن تىروچىلارنىڭ DNA سنى تەكشۈرۈش ئارقلىق سالاھىتنى بېكىتى . بۇ دىلودا 39 نەپەر گۇناسىز ئامما قازا قىلىپ 94 ئادەم يارلاندى .
جامائەت خەۋىپسزلىك ئورگانلىرى تەكشۈرۈپ نۇرئەخمەت•ئابلىز ، مەمەت •مەمىتىمىن ، رېيىمجان • مەمەت ، مەمىتىمىن • مەخمەت ، ئابلەت ئابدۇقادىر ( ھەممىسى شىنجاڭ گۇمىلىق ) ئۇزاق مەزگىل دىنىڭ چېكىدىن ئاشقان ئىدىيىسگە ئۇچىراپ قانۇنسىز دىني پائالىيەتلەرگە قاتناشقان . زوراۋان تىرولىق فىلىملىرىنى كۆرگەن شۇنىڭ بىلەن 2013 - يىلى بەش كىشدىن تەركىپ تاپقان تىرورلىق تەشكىلاتتى بولۇپ قۇرۇلدى .
بۇ گۇروھ بومبا ياساش ماتىريالى بىلەن دىلو سادىر قىلغاندا ئشلىتدىغان ماشنىنى سېتىۋېلىپ ، ھۇجۇم قىلىش نۇقتىسنى تاللاپ تىرورلىق ۋەقەسى ئېلىپ بارغان . 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى 7 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە مەمەت• مەمىتىمىن قاتارلىقلار بۇ قېتىمقى تىرورلىق دىلوسنى سادىر قىلغان . ھازىر دىلو يەنىمۇ ئىچكىرلىگەن ھالدا تەكشۈرلىۋاتىدۇ .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved