بەلكىم سىزمۇ بايقىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، بازاردا micro SD ساقلىغۇچ كارتىسى سېلىش ئېغىزى بار يانفونلارنىڭ سانى بارغانسېرى ئازلاپ كېتىۋاتىدۇ، ھەتتا، ئەزەلدىن مۇشۇ خىل لايىھەنى ياقتۇرىدىغان سامسۇڭمۇ، بۇ يىل بازارغا سالغان S6 ۋە S6 Edge يانفونلىرىغا كەلگەندە بۇ خىل لايىھەدىن ۋاز كېچىپ، ئىچكى قىسىمغا مۇقىم ئورنىتىلىدىغان ساقلىغۇچ ئىشلەتكەن. ئۇنداقتا، بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟
مەلۇم بىر يانفون كارخانىسىنىڭ ئىچكى قىسمدىكى بىر نەپەر خادىمىنىڭ ئېيتىشىچە، يانفونغا ساقلىغۇچ كارتىسى سېلىش ئېغىزى سەپلەشنىڭ ئۆزىلا بىر خىل ئىنتايىن قاملاشمىغان لايىھە بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، ساقلىغۇچ كارتا يۇقىرى سەپلىمىلىك ئۈسكۈنىنىڭ ئىش ئۈنۈمىنى ناچارلاشتۇرىۋېتىدىكەن. «ئىستېمالچىلار ئۆزلىرىنى مەن SanDisk نىڭ ياكى Kingston نىڭ ساقلىغۇچ كارتىسىنى سېتىۋالدىم دەپ ئويلىشى مۇمكىن (ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ سېتىۋالغىنى ساختا مەھسۇلات بولۇشى مۇمكىن) ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇلار سېتىۋالغان بۇ كارتىنىڭ سۈپىتى ناچار، ساقلاش سۈرئىتى ئاستا، تۇراقسىز بولۇشى،سانلىق مەلۇماتلار ئاسانلا بۇزۇلۇپ كېتىشى، ھەتتا ئۆچۈپ كېتىشى مۇمكىن، شۇڭا، ئاخىرىغا بارغاندا ئابونتلار بۇنىڭدىن نارازى بولۇشىدۇ.» دەيدۇ ئۇ.
ئۇنداقتا، ئەمەلىيەتتە راستلا مۇشۇنداقمۇ؟ Yahoo Tech تور بېكىتىنىڭ تەھرىرلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇنداق دېيىش سەل مۇبالىغە قىلىۋېتىلگەنلىك بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇنلىغان ئابونتلار micro SD كارتىسى ئىشلەتكەندە ھەرگىزمۇ ئۇنى توختىماستىن ئېلىپ-سېلىپ يۈرمەيدىكەن، ئۇنىڭدا تۇراقسىزلىق ياكى سانلىق مەلۇمات يوقىلىپ كېتىش مەسىلىسى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىمۇ ئۇنچە يۇقىرى ئەمەسكەن.
ئەمەلىيەتتە، يانفون كارخانىلىرىنىڭ بارا-بارا micro SD ساقلىغۇچ كارتىسى سەپلەش ئېغىزىدىن ۋاز كېچىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئىنتايىن ئاددىي ئىكەن، ئۇ بولسىمۇ پايدىنى كۆزلەپ شۇنداق قىلغان. قېنى ھېسابلاپ كۆرەيلى: يوللاش سۈرئىتى 95MB/s گە يېتىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك micro SD كارتىسىنىڭ 16GB لىق نۇسخىسىنىڭ باھاسى پەقەت 199 يۈەن، 60MB/s لىق نۇسخىسىنىڭ باھاسى بولسا 89 يۈەن؛ لېكىن بىر دانە يۇقىرى سەپلىمىلىك يانفونغا 16GB لىق ساقلىغۇچ كارتىسىنى مۇقىم ئورنىتىپ ساتقاندا،باھاسى ئاز دىگەندىمۇ 400 يۈەن ئۆسۈپ كېتىدۇ. بۇندىن باشقا، micro SD ساقلىغۇچ كارتىسىنىڭ ئۆمرى ئادەتتە نەچچە يىل ئىشلىتىشكە يېتىدۇ، بەلكىم، سىز يانفوننى ئالماشتۇرغان ۋاقىتتىمۇ، ئۇنىڭدىكى ساقلىغۇچ كارتىنى داۋاملىق ئىشلىتىپ قىلىشىڭىز مۇمكىن، بۇنداق بولغاندا نۇرغۇن تەننەرخ تېجىلىپ قالىدۇ.
ئەسلەپ كۆرسەك، ساقلىغۇچ كارتىنى ئىچكى قىسىمغا مۇقىملاشتۇرىۋېتىش تاكتىكىسىنى ئەڭ بۇرۇن ئالما شىركىتى ئويلاپ چىققان، ئاندىن، بارغانسېرى كۆپلىگەن كارخانىلار بۇنداق قىلىشنىڭ «سىرى» نى بىلىۋالغان، شۇنىڭ بىلەن، ھەممىسى مۇشۇ خىل تاكتىكىنى قوللىنىشقا باشلىغان. ئىستېمالچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىچىگە مۇقىملاشتۇرۇلغان ساقلىغۇچ كارتا بىلەن micro SD كارتىسىنىڭ پەرقى ئاساسەن يوق دېيەرلىك، ھىچبولمىسا ئۇلار بۇ خىل پەرقنى ھېس قىلالمايدۇ. يۇقاردا تىلغا ئېلىنغان يۇقىرى دەرىجىلىك micro SD كارتىسى ئەمەلىيەتتە يۇقىرى سەپلىمىلىك ئۈسكۈنىلەردە ھەرخىل ئەپ، چوڭ تىپتىكى ئويۇن ۋە سۈزۈكلۈكى يۇقىرى ۋېدىئولارنى كۆرۈش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن تامامەن چىقالايدۇ.
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، بارغانسېرى كۆپلىگەن كارخانىلار پايدا نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇۋاتقان بولغاچقا، كەلگۈسىدە ساقلىغۇچ كارتا سېلىش ئېغىزى سەپلەنگەن يانفونلار تېخىمۇ ئازلاپ كېتىشى تۇرغانلا گەپ،بولۇپمۇ، يۇقىرى سەپلىمىلىك ئۈسكۈنىلەردە تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved