ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت 15 ئەتراپىدا خېنەن ئۆلكىسى پىڭدىڭشەن شەھىرى خېبىن باغچىسى ئىچىدە بىر 9 ياشلىق بالا ئېيىق تاماشا قىلىۋاتقان چاغدا بالىنىڭ ئوڭ بىلىكىنى ئېيىق چىشلىۋالغان. بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن بالا جېڭجۇدا كېسىش ئوپراتسىيىسىنى تاماملىغان.
ئىگىلىنىشىچە پىڭدىڭشەن خېبىن باغچىسى پىڭدىڭشەن شەھىرى بويىچە ئەڭ چوڭ ئامما ئارام ئېلىش مەيدانى ئىكەن. باغچا ئىچىدە شەھەر بويىچە بىردىن بىر ھايۋاناتلار باغچىسى بولۇپ دەريا ئېتى قاتارلىق ئەتىۋارلىق ھايۋانات تۈرىدىن 27 خىل بۇلۇپ 200 دىن ئارتۇق ئىكەن. قارا ئېيىق سانىمۇ 20 نەچچىگە يېتىدىغان بولۇپ پۈتۈن ئۆلكە بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. ياۋايى ھايۋاناتلار تۈرىدىنمۇ 10 خىلدىن ئارتۇق بار ئىكەن.
نەق مەيداننى كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە ئېيىقنىڭ قەپىسىنىڭ سىرتىدا بىر قەۋەت ئايرىپ تۇرىدىغان رىشاتكا بر ئىكەن. بىراق بۇ بالا ئايرىپ تۇرىدىغان رىشاتكىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ يەنە تېخى قولىنى قەپەسنىڭ ئىچىگە تىققان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved