جۇڭگو تورى 26-نويابىر خەۋىرى : ئەنگلىيە ‹‹كۈندىلىك تېلېگراف خەۋەرلىرى گېزىتى ›› نىڭ 25-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە ، ئەنگلىيەدىكى ئىستېمالچىلار مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرى ‹‹قارا رەڭلىك ھەپتە ئاخىرى ›› توردا مال سېتىۋېلىش بايرىمىنى كۈتۈۋالىدىكەن ، بۇ ۋاقىتتا نەچچە مىليون ئەنگلىيەلىك تور ئارقىلىق باھادا ئېتىبار قىلىنغان تاۋارلارنى سېتىۋالىدىكەن ، يىلدا بىر كېلىدىغان روژدېتسۋولىق مال سېتىۋېلىش پەسلىمۇ بۇنىڭ بىلەن باشلىنىدىكەن .
‹‹ ئامازون ›› نىڭ ئەنگلىيەدىكى ھەر قايسى دۇكانلىرى نۆۋەتتە ئارقا-ئارقىدىن ‹‹يوپۇرۇلۇپ›› كېلىدىغان مىليونلىغان زاكازنى قوبۇل قىلىش ، 24 سائەت ماللارنى ئايرىپ قاچىلاش تەييارلىقىنى پۈتكۈزۈپ تەق بولغان .
‹‹قارا رەڭلىك ھەپتە ئاخىرى ›› ئامېرىكا سودىگەرلىرى ھەر يىلى مىننەتدارلىق بايرىمى (نويابىرنىڭ تۆتىنچى پەيشەنبىسى) دىن كېيىنكى تۇنجى كۈندە ئېلىپ بارىدىغان ‹‹ئېتىبار باھادا مال سېتىش كۈنى ›› دىن بارلىققا كەلگەن .
بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكىنىڭ تەسىرىدە ئەنگلىيەدىمۇ ‹‹ قارا رەڭلىك ھەپتە ئاخىرى ›› تور مال سېتىۋېلىش بايرىمى پەيدا بولغان ، ياۋروپا ، ئامېرىكىلاردىكى بىر قىسىم تور سودىگەرلىرىمۇ ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئىككى قىرغىقىدا بىرلا ۋاقىتتا باھادا ئېتىبار قىلىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرغان . مۆلچەرلىنىشىچە ، ئەنگلىيە ئىستېمالچىلىرى مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىدىكى توردا مال سېتىۋېلىش دولقۇنىدا 363 مىليون فوندستېرلىڭ خەجلەيدىكەن .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved