مىسىردىكى بىر يەرلىك جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى تۈنۈگۈن: سابىق زۇڭتۇڭ مورسىنىڭ 183 ئەگەشكۈچىسىگە بېرىلغان ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈمىنىڭ ساقلاپ قېلىنىدىغانلىقىنى، بۇ مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى ئالى تەدبىر بەلگىلەش ئورگىنى يىتەكچىلىك قىلىش ئىدارىسىنىڭ سابىق رەئىسى مۇھەممەت.بادىيانىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
بۇ يىل 28-ئاپرېل مىسىردىكى بىر يەرلىك سوت مەھكىمىسى بادىيانى ئۆز ئىچىگە ئالغان مورسىنىڭ 683 قوللىغۇچىسىغا ئۈلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلدى. ئۇلار بۇلتۇر يۈز بەرگەن كۈچ كۆرسىتىش نامايىشىدا، زوراۋانلىق ۋاستىسى قوللىنىش، ئوت قويۇش، ساقچىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش قاتارلىق جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزدى، دەپ ئەيىپلەنگەن، ئارقىدىن ھۆكۈمنامە دىنىي داھى مۇفتىنىڭ پىكىرىنى ئېلىشقا سۇنۇلغان. بۇ قېتىم سوت مەھكىمىسى مۇفتىنىڭ پىكرىنى ئالغاندىن كېيىن ھۆكۈمنى ئۆزگەرتكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved