ئۈرۈمچى شەھىرى ‹‹زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە ئائىت يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەنلەرنى مۇكاپاتلاش چارىسى›› نى يولغا قويدى
جاۋ جۈننىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم سىياسىي – قانۇن كومىتېتى(ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئىشخانىسى)دىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرىنى ج خ ئورگانلىرىنى زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە ئائىت يىپ ئۇچى بىلەن ئاكتىپ تەمىنلەشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى قىلمىشلارنى ۋاقتىدا بايقاپ ۋە ئۇنىڭغا قاتتىق زەربە بېرىپ، ئاممىنىڭ ھاياتى، مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، جەمئىيەتنىڭ ئامانلىقى، ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يېقىندا ‹‹ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە ئائىت يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەنلەرنى مۇكاپاتلاش چارىسى››(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ‹‹چارە›› دېيىلىدۇ)نى يولغا قويدى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە ئائىت يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەن، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنىڭغا زەربە بېرىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشقا ھەمكارلاشقان ۋە قاتناشقانلارنى شۇنداقلا ج خ ئورگانلىرى تەكشۈرۈپ، تەمىنلىگەن يىپ ئۇچىنىڭ راستلىقى دەلىللەنگەنلەرنى كۆپ بولغاندا 1 مىليون يۈەن بىلەن مۇكاپاتلاشنى ئېنىق بەلگىلىدى. بۇ ‹‹چارە›› 1 – سېنتەبىردىن باشلاپ يولغا قويۇلدى.
‹‹چارە›› جەمئىي 13 ماددا، 26 تارماققا بۆلۈنگەن بولۇپ. ‹‹چارە››دە بەلگىلەنگەن زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە ئائىت يىپ ئۇچى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى تەشكىللىگەن، رەھبەرلىك قىلغان ۋە ئۇنىڭغا قاتناشقان، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى پىلانلىغان، قۇتراتقۇلۇق قىلغان ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇق قىلغانلار؛ زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى مەبلەغ، دېلو سادىر قىلىش سايمانلىرى، ئورۇن، قاتناش قوراللىرى قاتارلىق قولايلىق شارائىت بىلەن تەمىنلىگەن، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا چېتىشلىق كىشىلەرنى قانات ئاستىغا ئالغان، يوشۇرغانلار؛ قورال – ياراغ، ئوق – دورا، پارتلاتقۇچ بۇيۇم، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇم، تىزگىنلىنىدىغان تىغ قاتارلىق بۇيۇملارنى ياسىغان، ساتقان، توشۇغان، پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتكەن، ساقلىغانلار؛ قورال، پارتلاتقۇچ ياساش تېخنىكىسىنى ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆگەتكەن، تارقاتقانلار؛ زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋە دىن ئەسەبىيلىكىنى تەرغىب قىلىدىغان تەشۋىق بۇيۇملىرىنى ياسىغان، ساتقان، تارقاتقان، ساقلىغانلار؛ نىقاب، ھىجاب قاتارلىق دىن ئەسەبىيلىكىنىڭ بەلگىسى بار كىيىم – كېچەك ۋە بۇيۇملارنى ياسىغان، تىككەن ۋە ساتقانلار؛ زوراۋانلىق، تېررورلۇق بىلەن چېتىشلىقى بارلارنى چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈشكە تەشكىللىگەن، توشۇغان، ھەمكارلاشقانلار؛ زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋە دىن ئەسەبىيلىكىگە چېتىشلىق باشقا قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەر.
‹‹چارە››دە ئېنىق قىلىپ مۇنداق دېيىلدى: ھەر مىللەت ئامما زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە ئائىت يىپ ئۇچىنى بايقىسا ياكى بىلسە، ‹‹110›› دېلو مەلۇم قىلىش تېلېفونىغا تېلېفون قىلىپ پاش قىلسا؛ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ھۆكۈمەت تورى(www.wlsga.gov.cn)غا چىقىپ پاش قىلسا؛ ئۈرۈمچىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت ۋە ئۆزى قاراشلىق سىياسىي – قانۇن كومىتېتلىرى(ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئىشخانىسى)، ج خ ئىدارىسى ھەم كوچا ئىش باشقارمىلىرى(باشقۇرۇش كومىتېتى، يېزا – بازارلار)، مەھەللە(كەنت) قاتارلىق ئالاقىدار تارماق ۋە ئورۇنلارغا بېرىپ پاش قىلسا؛ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ساقچىلارغا نەق مەيداندا بىۋاسىتە پاش قىلسا؛ پوچتا يوللانمىسى، قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتىش، مىكرو بىلوگدا سۆز قالدۇرۇش، ئۈندىدارغا قاتنىشىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق پاش قىلسا ۋە باشقا ئۈنۈملۈك يوللار ياكى ئۇسۇللار ئارقىلىق پاش قىلسا بولىدۇ.
‹‹چارە››دە يەنە مۇنۇلار بەلگىلەندى: ج خ ئورگانلىرى ئامما پاش قىلغان زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى قىلمىشلىرىغا ئائىت يىپ ئۇچىنى تەكشۈرۈپ، يىپ ئۇچىنىڭ راستلىقى دەلىللەنسە، يىپ ئۇچىنىڭ ئەمەلىي رولىغا ئاساسەن، 1000 يۈەندىن 1 مىليون يۈەنگىچە مۇكاپات بېرىلىدۇ. ج خ ئورگانلىرى پاش قىلغۇچىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مەخپىيەتلىكىنى قاتتىق ساقلايدۇ، پاش قىلغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئىسىم – فامىلىسى، سالاھىيىتى، تۇرۇشلۇق ئورنى قاتارلىق شەخسىي ئۇچۇرلىرى ۋە پاش قىلغان ئەھۋالنى ئاشكارىلاشقا بولمايدۇ. ئەگەر باشقىلارغا قەستەن قارا چاپلاپ زىيانكەشلىك قىلىپ، ساختا تېررورلۇق ئۇچۇرىنى توقۇپ چىققان، تارقاتقان بولسا، شۇ كىشىنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved