بۈگۈن ئەتىگەن تەيۋەن ئاخبارات ۋاستىلىرى iPhone6 گە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى ئېلان قىلدى، يەنى iPhone6 گە A8 بىر تەرەپ قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇلۇپ، ئىقتىدارى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. ھازىر ئالما شىركىتىمۇ مەزكۇر بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەقسىماتىنى جەزىملەشتۈرگەن.
تەيۋەن ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بەرگەن خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن، ئامكور تېخنىكىسى (Amkor Technology دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تەكشۈرۈش ۋە ئوراپ قاچىلاشنى تەكشۈرۈش مۇلازىمىتىدىكى مۇستەقىل سودا شىركىتى) . شىڭكې چىپپاك ( STATS ChipPAC ، دۇنيا بويىچە تۆتىنچى، سىنگاپور بويىچە بىرىنچى ھېسابلىنىدىغان يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تەكشۈرۈش، ئوراپ قاچىلاش مۇلازىمىتى شىركىتى، دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ بىرى) . ئىلغار يېرىم ئۆتكۈزگۈچ باشقۇرۇشى ( Advanced Semiconductor Engineering )قاتارلىقلار A8 بىر تەرەپ قىلغۇچىنىڭ قاچىلىنىشىغا مەسئۇل بولىدىكەن. ئەمما سامسۇڭ A8 نىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە ۋاكالەتچى تىزىملىكىدە يوق ئىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا تەيۋەن ئىگىلىك ئالاقىسىنىڭ خىزمەتچىلىرىنىڭ دېيىشىچە، iPhone6 نىڭ بۇرۇنقىلارغا قاىغاندا ئېكرانى چوڭ بولۇپلا قالماستىن يەنە ئىقتىدارىمۇ iPhone5S كە قارىغاندا خېلى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.
ئەڭ مۇھىمى، iPhone6 يەنىلا بۇ يىل 9- ئايدا كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشىدىكەن.
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، لەگلەك تورى تەرجىمىسى.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ ـــــــــــــــــــ ئىزدەش نامى LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved