ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى: ئامېرىكا ئىران-سەئۇدى مەسىلىسىدە مۇرەسسەچىلىك قىلمايدۇ

     ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى: سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئىراننىڭ مەسىلىسىنى ئىككى تەرەپ ئۆزى ھەل قىلىدۇ، ئامېرىكا مۇرەسسە قىلمايدۇ

       ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى جوھان كوبى 4-يانۋاردىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا:«ئامېرىكا تەرەپ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى شىئە مەزھىپىنىڭ دىنىي ئۆلىماسى نىمىرغا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىش ئىشغا يۈكسەك دىققەت قىلىدۇ ھەمدە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىراندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ»دېگەن. ئۇ يەنە:«بىز سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئىران ئىككى تەرەپنىڭ بۇ مەسىلىنى سۆھبەتلىشىپ ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز، ئامېرىكا بۇ قېتىم ئىككى تەرەپنىڭ ئىشىغا ئارىلاشمايدۇ»دېگەن.

    جوھان:«ئامېرىكا نەچچە كۈندىن بۇيان ئوتتۇرا شەرقنىڭ جىددىي ۋەزىيتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتىدۇ. بىز سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئىران ئىككى تەرەپنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ ۋەزىيتىنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدىغان ھەر قانداق ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئامېرىكا، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ شىئە مەزھىپىدىكى دىنىي ئۆلىما نىمىرغا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلغانلىقىغا يۈكسەك دەرىجىدە دىققەت قىلدى، بىز سەئۇدى ئەرەبىستاننى ئەدلىيەلىك ھۆكۈم جەريانىنى ئاشكارىلاشقا دەۋەت قىلىمىز»دېگەن.

      ئۇ:«ئامېرىكا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىراندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ، بىز دىپلوماتىيە ئاپپاراتلىرىغا ھۇجۇم قىلىشنى <ناھايىتى ئېغىر قىلمىش>دەپ قارايمىز. ئامېرىكا قولغا ئېلىنىپ بولغان قىسمەت ھۇجۇم قىلغۇچىلاردىن ئەھۋالدىن خەۋەر تاپتى، بىز ئىراننى خەلقئارالىق نىزامغا رىئايە قىلىشقا، باشقا دۆلەتنىڭ ئىراندا تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ ۋە مال مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي تۈردە كاپالەتلىك قىلىشقا ئۈندەيمىز»دېگەن.

     ئارقىدىنلا مۇخبىر سوئال سوراپ، ئامېرىكىنىڭ، سەئۇدى ئەرەبىستان - ئىران مەسىلىسىگە پوزىتسىيە بىلدۈرگەندە نېمىشقا ئوخشىمىغان سۆز ئىشلەتكەنلىكىنى، يەنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ شىئە مەزھىپىدىكى دىنىي ئۆلىماغا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىش ۋەقەسىگە «كۆڭۈل بۆلۈش» سۆزىنى ئىشلەتكەنلىكىنى، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىراندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسىگە «ئەيىبلەش»سۆزىنى ئىشلەتكەنلىكىنى سورىغان.

      جوھان مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاپ بېرىپ:«بۇ ئىككى ۋەقەنىڭ خاراكتېرى ئوخشىمايدۇ. مەيلى قايسى دۆلەت دىپلوماتىيە ئاپپاراتىنىڭ قانداق جايدا ھۇجۇمغا ئۇچرىشىدىن قەتئىي نەزەر، بۇ ئامېرىكا ئۈچۈن ئېيتقاندا ئەيىبلەشكە تېگىشلىك ئەھۋال»دېگەن.

     جوھان يەنە:«ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش لايىھەسى، ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىشىغا ئېھتىياجلىق. مەن سەئۇدى ئەرەبىستان - ئىران مەسىلىسىنىڭ، سۈرىيەدىكى ئۆكتىچىلەر بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ سۆھبىتىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىنى ئىككى تەرەپ دىپلوماتىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ ھەل قىلسا بولىدۇ، ئامېرىكا بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىشكە پايدىلىق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ»دېگەن.

     مۇخبىر ئارقىدىنلا مۇنداق دەپ سورىغان:«ئوتتۇرا شەرقنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيەتى پەيدا قىلغان ھەرخىل ئىختىلاپلارنى تۈگىتىشكە ئامال يوقتەك تۇرىدۇ، ئۇنداقتا ئامېرىكا بۇ قېتىم ئوتتۇرا شەرق رايونىدا قانداق رول ئالىدۇ؟».

    جوھان مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېگەن:«ئامېرىكا ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان يامان ۋەزىيەتنىڭ پەيدا بولۇشتىن ساقلىنىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بىراق يىراققا نەزەر سالغاندا ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى ئۆز ئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە سۆھبەتلىشىش شەكلى ئارقىلىق ھەل قىلىشى كېرەك، ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ مەسىلىلەرنى يەنىلا بالدۇرراق ھەل قىلىشقا يۈرۈش قىلغىنى ياخشى. لېكىن ئامېرىكا بۇ قېتىم مۇرەسسەچىلىك رولىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ»دېگەن.

     بەزى مۇخبىرلار يەنە:«مادامىكى ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغان تۇرۇقلۇق، نېمىشقا ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ بۇ خىل ئۆز ئارا ئىشىنىشنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولمايدۇ؟ ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندەك ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا ئادا - جۇدا بولۇشقان مۇشۇنداق كەسكىن ۋەزىيەتتە، ئامېرىكا، مىسىر ۋە ئىيوردانىيە ھەمدە باشقا ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ ئىككى تەرەپكە سالا قىلىپ كېلىشتۈرۈپ قويۇشنى ئۈمىد قىلامدۇ- يوق؟».

    جوھان مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېگەن:«ئەلۋەتتە، ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدىكى رەھبەرلەرنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئالغا بېسىشىنى، جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىش چارىسى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى، سۆھبەتلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ماجىرانى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئامېرىكا ھەم ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئارىسىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆزئارا ئىشىنىشكە تۈرتكە بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ، بىراق ئامېرىكا تەرەپ، بۇ مەسىلىنىڭ ھەقىقىي، ئۇزۇن مۇددەتلىك، ئۈنۈملۈك جاۋابىنى ۋاشىنگتوندىن كېلىدۇ، دەپ قارىمايدۇ»دېگەن.

    جوھان ئاخىردا، زادى كىم كېلىپ ئوتتۇرا شەرق رايونىدا مۇرەسسەچى بولىدۇ دېگەن مەسىلىسىگە جاۋاب بېرىپ: «ئامېرىكا بارلىق زىددىيەتلەرنى ئىككى تەرەپنىڭ ھەققىي تۈردە سۆھبەتلىشىش ئۇسۇلى بىلەن ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى نۆۋەتتىكى ئىران - سەئۇدى ئەرەبىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. بىراق ئامېرىكا بىرەرسىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىغا كېلىپ <قازىلىق>رولىنى ئېلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلمايدۇ»دېگەن.



خەتكۈچلەر:
06-01-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-04-2016
شىنخۇا تورى تېز خەۋىرى : چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىراق پايتەختى باغداد ئەتراپىدا 30-ئاپرېل ماشىنا بومبا پارتىلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 14 ئادەم قازا قىلىپ، 25 ئادەم يارىلانغان. خەۋەر قىلىنىشى...
30-04-2016
    كورىيە مېدىيەلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كورىيە پرېزىدېنتى پاك گىيۇنھى 29- ئاپرېل چوڭۋادى شەھىرىدە ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش ئالدىدا تۇرغان ئامېرىكىنىڭ كورىيەدە تۇرۇشلۇق ئارمىيىسى قوماندانى كورتىش. سىكارپارورتىغا ۋەتەنپە...
30-04-2016
    ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى 29-ئاپرېل بايانات ئېلان قىلىپ دېيىشىچە، جۇڭگو ئامېرىكا ستېننىس ناملىق ئاۋىئاماتكا جەڭ توپىنىڭ شىياڭگاڭنى زىيارەت قىلىشىنى رەت قىلغان. ستېننس ناملىق ئاۋىئاماتكا جەڭ توپى يېقى...
30-04-2016
     جۇڭگو 28-ئاپرېل چەتئەللەردىكى ھۆكۈمەتتىن خالىي تەشكىلاتلارنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى پائالىيەتلىرىنى باشقۇرۇش قانۇنىنى چىقاردى. چەتئەللەردىكى ھۆكۈمەتتىن خالىي تەشكىلاتلارنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، قانۇنغا ئۇيغۇنلىرىنى قوغد...
30-04-2016
28-ئاپرېل، ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى يىغىنىنىڭ 5-قېتىملىق دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى بېيجىڭدا باشلاندى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىننىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە «ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، سۆھبەتلى...
30-04-2016
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئارگىنتىنا بۇيىنۇس ئايرىس، شۇ كۈنى ئارگېنتىنادىكى ئىشچىلار تەشكىلاتى كەڭ كۆلەملىك يىغىلىش نامايىشى تەشكىللىگەن بولۇپ، نامايىشچىلار باجنىڭ ئۆستۈرۈلگەنلىكى، ئىش ئورنىنىڭ ئازىيىپ كېتىشىگە قارشى ئېتىر...
29-04-2016
     بۇ يىل 4–ئاينىڭ 26–كۈنى چېرنوبېل يادرو ھادىسىسى يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش كۈنى. رۇسىيە زۇڭتۇڭ پۇتىن 26–ئاپرېل: چېرنوبېل يادرو ھادىسىسىدىكى ئاخىرەتلىك ئىشلارنى ئۈستىگە ئالغانلانىڭ باتۇرلۇقى ۋە پىداكا...
29-04-2016
    ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت كاتىپى، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ھىلارى كلىنتون 21–ئاپرېل ئامېرىكا مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئىراق ئۇرۇشىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ بۇنداق بولىدىغانلىقىنى ئويلىماپت...
29-04-2016
    ب د ت نىڭ باش كاتىپى بان كىمون 26–ئاپرېل باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ: جەنۇبىي سۇدان ئۆكتىچىلىرىنىڭ رەھبىرى، سابىق مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ مەشئەلنىڭ پايتەخت جۇباغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى ھەم قەسەم بېرىپ جەنۇبىي سۇداننىڭ...
29-04-2016
    رۇسىيە تاسسىس ئاگېنتلىقىنىڭ 4- ئاينىڭ 28- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى موسكۋا ئىچكى ئىشلار باش ئىدارىسى ئاخبارات باشقارمىسى ئۇچۇر تارقىتىپ، موسۋانىڭ جەنۇبىي قىسىمىدا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش...
Powered by Leglek