ئافغانىستان ھەرىكىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسى باشلاندى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا 28 دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى بىلەن ئافغانىستان ھەرىكىتىگە قاتناشقان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا ئەمەس دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى 4-سېنتەبىر يىغىن ئاچتى، يىغىندىن كېيىن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى راسموسىن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئۇرۇشتىن باشقا ۋەزىپە پىلانىنى ئېلان قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئافغانىستان ھەرىكىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسى باشلاندى.


2003-يىلى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلامچىلىقىدىكى خەلقئارا بىخەتەرلىك ياردەم بېرىش خىزمىتى ئافغانىستاندا ھەربىي ھەرىكەت باشلىدى، ھازىرغىچە نۇرغۇن دۆلەتنىڭ 40مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرى ئافغانىستانغا كىردى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى 2012-يىللىق چىكاكو باشلىقلار يىغىنىدا، ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ 2013-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۇرۇش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، بىخەتەرلىك خىزمىتىنى ئافغانىستان ئارمىيەسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشىنى قارار قىلدى.


شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئاتالمىش پىلاندا مەشىقلەندۈرۈش، يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىك كۈچىنى ئاساس قىلغان ئۇرۇشتىن خالىي ۋەزىپىلىرىگە ياردەم بېرىش ئارقىلىق ئافغانىستاندا ئېرىشكەن نەتىجىلىرىنى ساقلايمىز دەپ ئۆزىنى پەردەزلىدى. راسموسىن ئېلان قىلغان كونكرېت مەزمۇن مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرىنچى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلامچىلىق قىلغان ئافغانىستانغا ياردەم بېرىش ۋەزىپە رامكىسى بەرپا قىلىپ، ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىسمىنى مەشىقلەندۈرۈش، ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ياردەم بېرىش، ئىككىنچى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن ئافغانىستاننىڭ ئۇزاق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىش.


شۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئۆزىنى پەردازلاپ، باشقا بىر خىل رولدا ئافغانىستاندا ئۇزاق مەۋجۇت بولماقچى.
كونىلار ئۆيدىكى پىلان تالاغا توغرا كەلمەپتۇ دېگەن. پىلاننى تۈزمەك ئاسان، ئافغانىستان ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۇنچە ئاسان ئەمەس.
بىرىنچىدىن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ۋەدىسىدە نۇرغۇن مۇقىمسىز ئامىللار بار.

راسموسىن ئافغانىستان بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىككى تەرەپلىك بىخەتەرلىك كېلىشىمى ھاسىل قىلىشى ئافغانىستانغا ياردەم بېرىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، شۇنداق بولغاندا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى زۆرۈر قانۇنىي تەرتىپلەرنى تاماملىيالايدۇ، دېگەن. 2012-يىلى چېكاكو باشلىقلار يىغىنىدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن ئافغانىستان بىردەكلىك ھاسىل قىلدى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئارمىيە چېكىندۈرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ھەر يىلى ئافغانىستانغا 4 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ياردەم بەرمەكچى بولدى. 4-سېنتەبىر بىر مۇخبىر بۇ ساننىڭ ئۆزگەرگەن ياكى ئۆزگەرمىگەنلىكىنى سورىغاندا راسموسىن: قانۇنىي رامكا تېخى پۈتكىمىگەچكە كونكرېت ساننى بېكىتكىلى بولمايدۇ، دەپ جاۋاب بەردى.

ئىككىنچىدىن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئارمىيە چېكىندۈرگەندىن كېيىن ئافغانىستاننىڭ ئىراققا ئوخشاش بولۇپ قېلىشى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ.
ئىراقنىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتى ناچارلىشىپ كەتتى. ئىراقتىكى ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ شىمالدىكى تەھدىتىنى توسۇش ئۈچۈن، ئامېرىكا يېقىندا ئىراقنىڭ شىمالىنى نەچچە قېتىم بومباردىمان قىلدى.
ئافغانىستاندا بىر قىسىم تۈپ مەسىلىلەر يەنىلا مەۋجۇت. بىرىنچىدىن، تالىباننىڭ تەھدىتى تولۇق تۈگىمىدى، ئۇلار يەنە قايتا باش كۆتۈرۈشى مۇمكىن. ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق خەلقئارا ياردەم بېرىش قىمسى 4-سېنتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ، قىسمىمىزنىڭ بىر ئەسكىرى ئافغانىستاننىڭ شەرقىدىكى بىر ھۇجۇم ۋەقەسىدە قازا قىلدى، دىدى. ئافغانىستاندىكى تالىبانلار بۇ ۋەقەگە مەسئۇل ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.


ئىككىنچىدىن، ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىسمى ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈسىتىگە ئالالمايدۇ. ئىراققا ئوخشاش ئافغانىستاننىڭ ھەربىي كۈچى غەرب ئەللىرىنىڭ ھەربىي مەشىقىدە كۈچلەندى، ئەمما ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. 2011-يىلى ئامېرىكا پۇقرالارنىڭ قاتتىق تۇرۇشى بىلەن ئىراقتىن ئەسكەر چېكىندۈرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۆكتىچىلەر ئامېرىكا ئارمىيەسى كەتكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كەتكەن، ئىراقنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك قىسمى شۇنچىلىك ئاجىزلاپ كەتكەن ئىدى. ھازىر ئافغانىستاننىڭ ئەھۋالى ئىراقنىڭكىدىمۇ ناچار.


ئۈچۈنچىدىن، ھازىر ئافغانىستان چوڭ سايلىمى قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالدى، سىياسىي ۋەزىيىتىمۇ بەكلا ئاجىز. سىياسىي ۋە بىخەتەرلىك ئۈچۈن باش قاتۇرىۋاتقان ئافغانىستاننىڭ كەلگۈسىنى كۆرگىلى بولمايدۇ.

‏قارىماققا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئۆزىنى داۋاملىق پەردازلىشىدا قىيىنچىلىقلار كۆپتەك قىلىدۇ.



خەتكۈچلەر:
08-09-2014
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
03-05-2016
     30-ئاپرېل، ئىران ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكىتىدە يېڭى بىر نۆۋەتلىك پارلامېنتنىڭ تولۇقلىما سايلىمىنىڭ بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئىسلاھاتچىلار روشەن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن. ...
02-05-2016
     رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىراقنىڭ بىر ساقچى ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرىشىچە، 1-ماي ئىراقنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ساماۋا شەھىرىدە ئىككى قېتىم تېرورلۇق پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈزبېرىپ، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 38 گ...
02-05-2016
ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 2-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە ئۆكتىچى پارتىيە تاراتقۇسى بولغان «دەۋر گېزىتى» ۋە دۇنيا ئاخبارات ئاگېنتلىقى (Cihan) دىكى 400 مۇخبىر «خىزمەتتە خاتالىق سادىر قىلىش»، «شىركەت ئوبرازىغا تەس...
02-05-2016
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى، مالايسىيا كۇئالالۇمپۇر، مالايسىيا خەلقى 1-ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا يىغىلىپ ئىشچىلارنىڭ ئاساسىي مائاشىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە مالايسىيا باش مىنىستىرى نەجىبنىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلدى. ...
02-05-2016
يەمەن ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى تۈنۈگۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەمەن مەسىلىسى ئالاھىدە ئەلچىسى شېيىخ ئەخمەدكە قۇسەي قوراللىقلىرى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقتىن، يەمەن ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ كۇۋەيت تىنچل...
02-05-2016
    ئىران پرېزىدېنتى روھانىينىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، كورىيە پرېزىدېنتى پاك گيۇنھى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئىراننىڭ پايتەختى تېھرانغا يېتىپ بېرىپ ئىراندىكى ئۈچ كۈنلۈك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى. بۇ 1962-يىلى ئىككى دۆلەت دىپ...
02-05-2016
    ياپونىيە مېدىيەلىرىنىڭ 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى 30-ئاپرېل بېيجىڭ دىياۋيۈتەيدە زىيارەتكە كەلگەن ياپونىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى فۇمىئو كىشىدا سۆھبەتلەشكەن، فۇمىئو كىشى...
02-05-2016
    ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر تۈرلۈك سىياسى سوئال-جاۋابلىق ئەلرايى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، ئامېرىكىنىڭ غەربىي قىسىمىدىكى ئىندىياننا شىتاتىدا 3- ئاپرېل مۇھىم نامى ئاتى...
02-05-2016
    «ئىسرائىلىيە ۋاقىت گېزىتى» نىڭ ئېيتىشىچە، جۇڭگو گوۋۇيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندوڭ 29- ئاپرېل ئىرۇسالىمدا «جۇڭگو-ئىسرائىلىيە يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىق بىرلەشمە ھەيئىتىنىڭ 2- قېتىملىق يىغىنى»غا رىياسەتچىلىك قىلغان ب...
02-05-2016
    ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئالاباما شىتاتى كوتلاندىكى بىر قاقاس بازارغا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاسىيادىن كەلگەن ئىمپورت ماللار كۆپلەپ ئېقىپ كىرىپ، بۇ بازاردىكى زاۋۇتلارنىڭ سودىسى ئېغىر زەربىگە ...
Powered by Leglek