ئۇزۇن ۋاقىت تۇمان ئارىسىغا يوشۇرۇنغان قۇياش 24-نويابىر ئۈرۈمچىنى ئىللىتتى. ئۆتكەن كۈنلەرگە نەزەر سالساق 16-نويابىرىدىن 23-نويابىرغىچە ئۈرۈمچى ئاسمىنىنى قار-يامغۇر ۋە تۇمانلىق ھاۋارايى قاپلىدى. سەككىز كۈن ئىچىدە قۇياشنىڭ چۈشۈش ۋاقتى 2.8 سائەت بولۇپ، 1981-يىلدىن بۇيانقى ئوخشاش مەزگىلدە قۇياش نۇرى ئەڭ قىسقا چۈشۈشتەك يېڭى رېكورت يارىتىلدى. مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، 16-نويابىرىدىن 23-نويابىرغىچە بولغان مەزگىلدە، ئۈرۈمچى مەركىزىي شەھەر رايونىدا ئالتە كۈن قار-يامغۇرلۇق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، ھاۋانىڭ نەملىك دەرىجىسى ئاشقان. 21-نويابىرىدىكى ھۆل-يېغىن مىقدارى ئەڭ كۆپ بولۇپ، 4.6 مىللىمېتىرغا يەتكەن. 20-نويابىردىكى ھۆل-يېغىن مىقدارى 0.4 مىللىمېتىر بولغان. 18- ۋە 19-نويابىر كۈنلىرى پۈتۈن شەھەرنى تۇمان باسقان.
1981-يىلدىن 2015-يىلغىچە بولغان مەزگىلدىكى 16-نويابىرىدىن 23-نويابىرغىچە بولغان كۈنلەردىكى قۇياشنىڭ چۈشۈش ۋاقتىغا نەزەر سالساق بۇ يىلقى 16-نويابىرىدىن 23-نويابىرغىچە بولغان سەككىز كۈن ئىچىدە قۇياش نۇرى چۈشۈش ۋاقتى 2.8 سائەت بولۇپ، تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى قۇياش نۇرى چۈشۈش ۋاقتى ئەڭ قىسقا بىر چاغ بولۇپ قالغان.
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شەھەر ئاھالىلىرى بۇ يىل قىش پەسلىنىڭ كېچىكىپ كىرىشىگە ئالاھىدە دىققەت قىلغان. ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا 24-نويابىرغا قەدەر كۈندىلىك تېمپېراتۇرا ئۇدا نۆلدىن تۆۋەن بولغان كۈن سانى تۆت كۈن بولغان، ئەگەر 25-نويابىرىدىكى كۈندىلىك ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىمۇ نۆلدىن تۆۋەن بولسا ئۇنداقتا بۇ يىل ئۈرۈمچىدە قىش پەسلى كىرگەنلىكىنى مۇقىملاشتۇرغىلى بولىدىكەن.(تامام)
![]() |
خۇاڭخې دەرياسىنىڭ شەندۇڭ بىڭجۇ بۆلىكىدە دېڭىز يۈزىدە مۇز پارچىلىرى لەيلەپ يۈرمەكتە.
20-يانۋار «قاپاق ياردى» مەزگىلى كىرگەن بولۇپ، شۇ كۈنى سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە خۇاڭخې دەرياسىنىڭ شەندۇڭ بۆل...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved