1. قاملاشقان ئەرلەر خۇددى نەپىس مۇقاۋىلانغان كىتابقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ مۇقاۋىسى كۆركەم بولغاچقا، مەزمۇنىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، باشقىلارنى جەلپ قىلىدۇ. كىتابنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن كىشىگە ھۇزۇر ياكى ئالدانغانلىق تۇيغۇسى بېرىدۇ، ئەمما كىتابنى ۋاراقلىغان دەقىقىلەردىكى ھېس-تۇيغۇ ھامان شېرىن بولىدۇ؛
2. بىلىملىك ئەرلەر خۇددى «ئوكيانۇس» قا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭدىكى بىلىم قاتلىمىنىڭ چوڭقۇرلىقى كىشىنى ھېيىقتۇرىدۇ، شۇڭا ئۇنى ئوقۇشتىن ئاۋۋال ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىنى دەڭسەپ بېقىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنداق «كىتاب»تىن ئوخشاش بىلىم تىرەنلىكىگە ئىگە ئاياللارلا بەھرىمەن بولالايدۇ؛
3. ئادەتتىكى ئەرلەر لۇغەتكە ئوخشايدۇ، چۈشىنىشلىك ھەم ئاممىباب بولۇپ، قولغا ئېلىپلا كۆرگىلى بولىدۇ، كىشىگە ئۆمۈر بويى ھەمراھ بولالايدۇ؛
4. ئۆيلەنمىگەن ئەرلەر نەسىر توپلېمىغا ئوخشايدۇ، تىلى يەڭگىل ھەم ئويناق بولۇپ، ئوقۇغانچە كىشىنى جەلپ قىلىدۇ؛
5. مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئەرلەر ھۆسنخەتكە ئوخشايدۇ، ئۇ كىشىنى زوقلاندۇرىدۇ، بەزىلەرنىڭ ئۆزىنى ئۇنىڭغا تەقلىد قىلىپ باققۇسى كېلىدۇ، بىراق ئۇنىڭ يورۇقلۇققا چىقىشىدا قانچىلىك جاپا-مۇشەققەتلىك بەدەللەرنى تۆلىگەنلىكى سىزگە نامەلۇم. ئۇنى سېتىۋالغاندىن كېيىن دورىيالامسىز-يوق؟ بۇ ئۆزىڭىزنىڭ سەۋىيىسىگە باغلىق.
كىتاب دېڭىزى چەكسىز بولسىمۇ، ئاياللار پەقەت بىرلا كىتابنى تاللىشى كېرەك.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved