تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان يېقىندا ئامېرىكىدا چىقىدىغان نىيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ ماقالە ئېلان قىلىپ تۈركىيەگە قارىتا ئۆسەك سۆزلەرنى قىلىپ، تۈركىيەنىڭ دۆلەت ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىقىنى ئەيىبلىدى.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 26- مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، نيو يورك ۋاقىت گېزىتى 22-ماي قارا بۇلۇت ئورىۋالغان تۈركىيە ماۋزۇلۇق باش ماقالە ئېلان قىلىپ، ئەردوغان دائىرىلىرىنى سايلامدىن ئىلگىرى سىياسىي رەقىبلىرىنى باستۇردى دەپ تەنقىد قىلغان ھەمدە تۈركىيەنىڭ تاراتقۇ ئەركىنلىكىنى چەكلىگەنلىكىنى ئەيىبلىگەن. بۇنىڭغا قارىتا ئەردوغان نيۇ يورك ۋاقىت گېزىتى ئەركىنلىك چېكىدىن ھالقىپ كەتتى دەپ ئەيىبلىدى.
بۇ ئەردوغاننىڭ غەرب تاراتقۇلىرى بىلەن بولغان تۇنجى قېتىملىق توقۇنۇشى ئەمەس. ئىلگىرى ئەردوغان ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە خەۋەرلەر تورى، رېيتېر ئاگېنتلىقى قاتارلىق چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئوبرازىغا داغ يەتكۈزگەنلىكى، تۈركىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىقىنى كۆپ قېتىم ئەيىبلىگەن ئىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved