شۇ جاي ۋاقتى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئىستانبۇل تېببىي ئىنستىتۇتى خىزمەتچى خادىملىرى شۇ جايدىكى Sultanahmet مەيدانىغا يىغىلىپ، پارتلاش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرمەكتە.
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى شۇ جاي ۋاقتى 13-يانۋار مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: تۈركىيە دائىرىلىرى ئىستانبۇلدىكى پارتلىتىش تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىكى بىر جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالدى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ئىستانبۇلدىكى پارتلىتىش تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ تىغ ئۇچى گېرمانىيەلىكلەرگە قارىتىلغان توغرىسىدا ھېچقانداق ئالامەتلەر يوق.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەيفۇكەن ئالا ۋە گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى دېمىچىئەي بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرغان. ئالانىڭ دېيىشچە، تۈركىيە دائىرىلىرى 12-يانۋار كەچتىكى زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە ئىستانبۇلدىكى پارتلاش تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان بىر جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈرگەن. ئۇ يەنە تۈركىيە دائىرىلىرىنىڭ بۇ ۋەقەگە قارىتا داۋاملىق تەكشۈرۈدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
12-يانۋار تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر ئىستانبۇلدىكى ساياھەت مەنزىرە رايونى سۇلتان ئەھمەد مەيدانىدا ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش خاراكتېردىكى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ،توققۇز نەپەر گېرمانىيەلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 ئادەمنىڭ قازا قىلىشنى، 15 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇنىڭ ئىچىدە كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ يارىسى ئېغىر ئىكەن. تۈركىيە باش مىنىستىرى داۋۇتوغلۇ شۇ كۈنى كەچتە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئۆزىنى قوشۇپ پارتلاتقۇچىنىڭ ئاشقۇن تەشكىلات «شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكى ئېنىق بولدى
تۈركىيە تاراتقۇلىرىنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇنقى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىستانبۇلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، تۈركىيەدىكى ساقچىلار ئانتالىيە ۋە يىزمىر قاتارلىق رايونلاردا بىرلا ۋاقىتتا تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەتنى قانات يايدۇرغان بولۇپ، «شام ئىسلام دۆلىتى» ئەزاسى دەپ گۇمان قىلغان توققۇز ئادەمنى قولغا ئالغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved