شىنخۇا تورى 14- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
تۈركىيە قوراللىق قىسىم باش قوماندانى 14- مارت بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: تۈركىيە شۇ كۈنى سەھەردە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى كورد قوراللىقلىرىنىڭ نىشانلىرىنى بومباردىمان قىلدى، چۈنكى ئالدىنقى كۈنى ئەنقەرەدە يۈز بەرگەن پارتلىتىش ھۇجۇمىنى كورد ئىشچىلار پارتىيەسى قوراللىقلىرى پەيدا قىلغان بولۇشى مۇمكىن.
باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى 10 دىن ئارتۇق كۆرەشچى ئايروپىلاننى ئىشقا سېلىپ، كورد ئىشچىلار پارتىيەسى قوراللىقلىرىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى كەندىر تېغى ۋە جالى رايونىدىكى 18 نىشانىنى بومباردىمان قىلدى. ئەمما بۇ باياناتتا ھاۋا ھۇجۇمى پەيدا قىلغان ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى ئاشكارىلانمىدى. تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى شۇ كۈنى مۇنداق دېگەن: ئەنقەرە شەھەر مەركىزىدە 13- مارت كەچتە يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى ۋەقەسى ئاز دېگەندە 37 ئادەمنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved