Googleشىركىتى قايتا تەشكىللىنىپ، پۈتۈنلەي يېڭى بولغان پېيى كونترول قىلىنغان شىركەت Alphabet نى قۇردى ھەمدە يېڭى Google ئۇنىڭ تارماق شىركىتى بولدى. Google پۇل تېپىپ ئۆينى باقىدىغان، Alphabet دۇنيانى ئۆزگەرتىدىغان دەۋر يېتىپ كەلدى.
Google ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا، شوپۇرسىز ئاپتوموبىلدىن ماشىنا ئادەم تېخنىكىسىغىچە، توختىماستىن يېڭى ساھەلەرگە كېڭەيدى.
تېخنىكا ماگناتى بولغان Google شىركىتى پۈتۈنلەي يېڭى بولغان پېيى كونترول قىلىنغان شىركەت Alphabet نى قۇرۇپ، Alphabet نىڭ Google بايرىقى ئاستىدىكى باش شىركەت بولىدىغانلىقىنى، يېڭى Google نىڭ بولسا Alphabet نىڭ تارماق شىركىتى بولۇپ، ئېلان، ئەپ، Android سىستېمىسى، Chrome سىستېمىسى ھەمدە YouTube قا مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى، Google Ventures بىلەن Google Capital نىڭ بولسا ئايرىم باشقۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ھەتتا Google نىڭ ئەڭ سىرلىق بولغان، مەخسۇس شوپۇرسىز ئاپتوموبىل قاتارلىق كەلگۈسى تېخنىكىنى تەتقىق قىلىدىغان Google X تەجرىبىخانىسىمۇ مۇستەقىل يۈرگۈزۈلىدىغان بولدى.
تۆۋەندە بىز Google دىن كېلىپ چىققان، نۆۋەتتە مۇستەقىل يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئەڭ ئىلغار كەسىپلەر ۋە تۈرلەرنى كۆرۈپ باقايلى.
1. Google Fiber پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن دەرىجىدىن تاشقىرى تېز سۈرئەتلىك كەڭ بەلباغلىق تور ئېلىپ كەلمەكچى
دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك تور مۇلازىمىتى تەمىنلەش سودىگىرى Google Fiber نۆۋەتتە مۇستەقىل يۈرگۈزۈلىدىغان بولۇپ، Google شىركىتى 2010-يىلى بۇ كەسىپنى يولغا قويغان. 2012-يىلىغا كەلگەندە، Google نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى Eric Schmidt ئوپتىك تالانى پەقەت بىر تەجرىبە ئەمەس، ئەكسىچە ئوپتىك تالا مۇلازىمىتىنى رەسمىي سودا ئورنىدا يۈرگۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇنىڭ بىلەن Google Fiber ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشكەن ھەمدە Google نىڭ ئەمەلىي كەسپىگە ئايلانغان.
Google Fiber نىڭ مۇلازىمىتى نۆۋەتتە تېكساس شتاتىنىڭ ئائۇستىن شەھىرى، يۇتا شتاتىنىڭ پروۋو شەھىرى ۋە مىسسورى شتاتىنىڭ كانساس شەھىرىدە يولغا قويۇلغان.
2. Google شىركىتى Nest ئارقىلىق ئائىلە سايمانلىرىنى ئەقلىي ئىقتىدارغا ئىگە قىلماقچى
ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە سايمانلىرى شىركىتى Nest مۇ Alphabet بايرىقى ئاستىدىكى تارماق شىركەت بولۇپ مۇستەقىل يۈرگۈزۈلىدۇ.
Nest ئاساسلىقى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېمپېراتۇرا تۇراقلاندۇرغۇچ بىلەن نام چىقارغان بولۇپ، بۇ خىل تېمپېراتۇرا تۇراقلاندۇرغۇچ ئابۇنىتلارنىڭ ئادىتىگە ئاساسەن ئاپتوماتىك تەڭشەش ئېلىپ بېرىپ، چىقىمنى تېجەيدىكەن. Google ئۆتكەن يىلى 3.2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى يۇقىرى باھا بىلەن Nest نى سېتىۋالغان. Nest يەنە ئىس تەكشۈرگۈچ ۋە ئائىلىلەردە ئىشلىتىلىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق بىخەتەرلىك كامېراسى ئىشلەپچىقىرىدىكەن.
3. Calico شىركىتى ئۆلۈمگە جەڭ ئېلان قىلماقچى
Google شىركىتى 2013-يىلى بىئو-تېخنىكا شىركىتى Calico نى قۇرغان بولۇپ، ئاساسلىقى قېرىشنى كېچىكتۈرۈپ ئۆمۈرنى ئۇزارتىش ۋە كېسەل داۋالاشنى ئاساس قىلىدىكەن. Calico نىڭ نىشانى كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمۈرىنى 100 ياشقا يەتكۈزۈش بولۇپ، بۇ قېتىملىق قايتا تەشكىللەشتە، Calico مۇ مۇستەقىل يۈرگۈزۈلىدىغان بولغان.
4. Google X داۋاملىق شوپۇرسىز ماشىنا تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىدۇ
ئۆتكەن تۆت يىلدا، Google X ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سۈنئىي ئىقتىدار تەجرىبىخانىسى (Stanford Artificial Intelligence Laboratory) نىڭ ياردىمىدە ئىزچىل شوپۇرسىز ئاپتوموبىل تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئامېرىكىدا تۆت شىتات شوپۇرسىز ئاپتوموبىلنىڭ يولغا چىقىش لايىھەسىنى تەستىقلىغان. 2015-يىلى 6-ئايغىچە، Google نىڭ شوپۇرسىز ئاپتوموبىلى 1.6 مىليون كىلومېتىر يول باسقان. Google X نىڭ شوپۇرسىز ئاپتوموبىلىدا ئەنئەنىۋى ئاپتوموبىللارغا ئوخشاش ماي تەپكىسى ۋە رول يوق بولۇپ، بۇ يېڭى تىپتىكى ئاپتوموبىل 2020-يىلى كىشىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدىكەن.
5. Wing ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى ئارقىلىق پوسۇلكا يەتكۈزىدۇ
Google X نىڭ مەخپىي تۈرى Project Wing ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئارقىلىق پوسۇلكا يەتكۈزىدىغان بولۇپ، بۇ تەتقىقات تۈرى ئىزچىل مەخپىي ئېلىپ بېرىلىپ، 2014-يىلى 8-ئايدا كۆپچىلىككە ئاشكارىلانغان.
Project Wing تېخىچە تەتقىقات ھالىتىدە بولۇپ، بۇ يىلنىڭ بېشىدا، كونترول قىلىش تەس بولغانلىقتىن، Google ئەسلىدىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى لايىھەسىنى بىكار قىلغان.
6. Google ئەقلىي ئىقتىدارلىق يوشۇرۇن كۆزئەينىكى قان شېكىرىنى ئۆلچىيەلەيدۇ
Google دىن مۇستەقىل بولغان The Life Science دورا تەتقىقاتىنى ئاساسى يۆنىلىش قىلغان بولۇپ، پۈتۈن تەتقىقات گۇرۇپپىسى نېرۋا كېسەللىكلىرى ۋە گېن ئىلىمى ساھەسىدىكى باشلامچىلاردىن تەركىب تاپقان. بۇلارنىڭ ئەڭ داڭلىق مەھسۇلاتى بىر خىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق يوشۇرۇن كۆزئەينەك بولۇپ، كۆزئەينەكنىڭ ئىچىگە گىلۇكوزا سېنزورى ۋە كۆز يېشى ئارقىلىق قان شېكىرىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆلچەپ، دىيابېت بىمارلىرىغا ياردەم بېرىدىغان سىمسىز ئۆزەك ئورنىتىلغان.
7. پاركىنسون كېسىلىگە تاقابىل تۇرالايدىغان قوشۇق
بۇلتۇر 9-ئايدا، Google شىركىتى Lift Labs نى سېتىۋېلىپ، Google X تەجرىبىخانىسىغا ئېلىپ كىرگەن. Lift Labs بىر خىل سېنزورلۇق قوشۇقنى تەتقىق قىلىپ چىققان بولۇپ، پاركىنسون كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان %70 تىترەشنى بايقاپ يېنىكلىتەلەيدىكەن. بۇ تېخنىكىنى يەنە سۈرەتكە تارتقاندا تىترەپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىشكە بولىدىكەن.
8. يۇقىرى بوشلۇقتىكى لەگلەك شەكىللىك گېنېراتور قايتا ئېنېرگىيە ھاسىل قىلالايدۇ
Google شىركىتى پاكىز ئېنېرگىيە كارخانىسى Makani Power نى سېتىۋېلىپ، بۇلتۇر 5-ئايدا Google X تەجرىبىخانىسىغا كىرگۈزگەن. ئۇنىڭ يۇقىرى بوشلۇقتىكى شامالدۇرغۇچى يەنە ‹‹ئېنېرگىيە لەگلىكى›› دەپ ئاتىلىپ، قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيەنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات ئەندىزىسى دەپ قارالغان. Google بۇ يىل 4-ئايدا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ياساش شىركىتى Titan Aerospace نى سېتىۋالغان بولۇپ، يېشىل ئېنېرگىيە تەتقىقاتىدا Makani غا ياردەمدە بولۇشنى ئۈمىد قىلغان.
9. يۇقىرى بوشلۇقتىكى ھاۋا شارى ئارقىلىق تور مۇلازىمىتى تەمىنلەيدۇ
Project Loon بولسا Google X نىڭ بىر تۈرلۈك ناھايىتى ئۇلۇغۋار پىلانى بولۇپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسىمى ھەتتا پۈتۈن دۇنيادىكى تور ئۇلانمىغان كىشىلەرنى تورغا چىقىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن. ئۇ ماھىيەت جەھەتتىن تەكشى ئېقىم قەۋىتىدىكى ئىسسىق ھاۋا شارى تورى بولۇپ، ھەر بىر ئىسسىق ھاۋا شارىنى بىر-بىرىگە ئۇلاش ئارقىلىق ئەنئەنىۋى تور قاپلاش تەس بولغان چەت-ياقا رايونلارنى تور مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
2013-يىلى يېڭى زېلاندىيەنىڭ جەنۇبىي ئارىلىدا 30 تور ھاۋا شارى قويۇپ بېرىلىپ، تۇنجى قېتىم سىناق قىلىنغان.
10. ماشىنا ئادەم تەتقىقاتى
Google شىركىتى 2013-يىلى بوستون ھەرىكەت كۈچى شىركىتىنى سېتىۋالغان. بۇ شىركەت ھەر خىل ئېھتىياجغا ماس كېلىدىغان ماشىنا ئادەم ياسايدىغان بولۇپ، ھەربىي ئەسلىھەلەرنى توشۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. سېتىۋېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، Android ئاتىسى دەپ ئاتالغان ئاندى رۇبىن بۇ ماشىنا ئادەم تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا مەسئۇل بولغان. بىراق، ئاندى رۇبىن 2014-يىلى 10-ئايدا Google دىن ئايرىلغان.
يېقىندىن بىرى Google ماشىنا ئادىمى توغرىسىدا ھېچقانداق خەۋەر يوق بولسىمۇ، بىراق شۇنى مۇقەررەرلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، Google سانائەت ماشىنا ئادىمى ساھەسىگە كىرىشكە باشلىغان.
11. Google كۆزئەينىكى قايتىپ كېلىدۇ
Google كۆزئەينىكى ئىستېمال بازىرىدا ئارقىمۇ-ئارقا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ كەلدى. ئىستېمال نۇسخىسىدىكى ئۈسكۈنىنى ئىشلەپچىقىرىپ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، Google شىركىتى Google كۆزئەينىكىنى Nest نىڭ ئىجرائىيە باشقۇرغۇچىسى Tony Fadell نىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرغان.
Google كۆزئەينىكىنىڭ كېلەركى نەشرى، ئەگەر كۆرۈشكە تەلىيىمىز بولسا، ئاساسلىقى سانائەت ۋە سودا ساھەسىنى نىشان قىلىدىكەن.
بىراق، يېقىن كەلگۈسىدە كىشىلەرنىڭ Google كۆزئەينىكىنى تاقاپ كوچىلاردا يۈرگەنلىكىنى كۆرۈشتىن ئۈمىد كۈتۈش ھازىرچە بالدۇرلۇق قىلىدۇ.
12. ساغلاملىقنى ئىز قوغلىيالايدىغان قول ھالقىسى
Google بۇ يىل 6-ئايدا ئۆزلىرىنىڭ بىر خىل بىمارلارنىڭ ھەر قايسى ئەزالىرىنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت ئۆلچەپ تۇرالايدىغان قول ھالقىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان.
بىراق بۇ تېخنىكىنىڭ تاماملىنىشى ئۈچۈن بىر مەزگىل ۋاقىت كېتىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ شەكلىنىڭ قانداقلىقى ۋە ئىقتىدارى توغرىسىدا ھازىرغىچە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن.
13. راك ھۈجەيرىسىنى ئۆلچىيەلەيدىغان تابلېتكا
Google يەنە 2014-يىلى 10-ئايدا، ۋال كوچىسى گېزىتىنىڭ يەر شارى تېخنىكا يىغىنىدا Google X نىڭ بىر خىل راك ھۈجەيرىسىنى ئۆلچىيەلەيدىغان سۈمۈرۈشچان تابلېتكىنى تەتقىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان.
باشقا Google X تەتقىقات تۈرلىرىگە ئوخشاش، بۇ تۈرمۇ تېخىچە تەتقىقات ئۈستىدە ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved