Lumia 650 يانفونى 4-ئايدا مال ئەۋەتىشنى باشلايدۇ

ئالدىنقى ئايدا، مىكروسوفت Lumia 650 نى ياۋروپادىكى قىسمەن دۆلەتلەردە رەسمىي ئېلان قىلغان، ئامېرىكىدىكى نۇرغۇنلىغان ئابونتلار بولسا بۇ يانفوننىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىش ۋاقتىنى بىلىشكە تەقەززا بولغان. مىكروسوفت شىركىتى يېقىندا بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ،  Lumia 650 يانفونىنىڭ ئۇزۇنغا قالماي ئامېرىكا بازىرىغا كىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

Lumia 650 يانفونىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىش ۋاقتى ئالدىن مۆلچەرلەنگەن ۋاقىتتىن بالدۇر بولۇپ، ئالدىن زاكاز قوبۇل قىلىش ئاللىقاچان باشلىنىپ بولغان. قىزىقىدىغان دوستلار ھازىردىن باشلاپ مىكروسوفت ئورگان تورى ئارقىلىق زاكاز قىلسا بولىدىكەن، سېتىلىش باھاسى 200 دوللار (خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 1300 يۈەن) ئىكەن.

مىكروسوفت تور بېكىتىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، بۇ يانفوننىڭ مال ئەۋەتىش ۋاقتى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى بولۇپ، ئەگەر سىز ھازىرلا مال زاكاز قىلسىڭىز، ئۇنداقتا يەنە ئىككى ھەپتىدىن كۆپرەك ۋاقىتتا مالنى قولىڭىزغا ئالالايسىز دېگەن گەپ.

سەپلىمىسىگە كەلسەك، بۇ يانفونغا HD ئېنىقلىقىدىكى 5.0 دىيۇملۇق ئېكران، سنەپدىراگون 212 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ، سەككىز ۋە بەش مىليون پىكسېللىق كامېرا قاتارلىقلار ئىشلىتىلگەن، Windows 10 Mobile سىستېمىسى ئالدىن قاچىلانغان. قاتتىق دېتال سەپلىمىسىگە قاراپلا Lumia 650 نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەھسۇلات ئەمەسلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ، بىراق، ئۇ مىكروسوفتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى Lumia يانفونى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، چۈنكى، مىكروسوفت كەلگۈسىدە Surface Phone تۈرىدىكى يېڭى يانفونلىرىنى Lumia نىڭ ئورنىغا دەسسىتىشنى پىلانلاۋاتىدۇ.



خەتكۈچلەر:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
06-05-2016
    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى يېقىندا «ئاپتونوم رايوننىڭ دېھقانچىلىققا ئائىت ئۈچ تۈرلۈك تولۇقلىما سىياسىتى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ يىلدىن باشلاپ بۇغداي، بېدە، ك...
06-05-2016
شى جىنپىڭ نارشكىن بىلەن سۆھبەتلەشمەكتە     شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5-ماي خەلق سارىيىدا رۇسىيە دۆلەت دۇماسىنىڭ رەئىسى نارشكىن بىلەن كۆرۈشتى.
06-05-2016
    بۇلتۇر نويابىردىن بۇ يىل 21-ئاپرېلغىچە، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ۋە تاموژنا باش مەھكىمىسى گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، فۇجيەن، خېنەن قاتارلىق نۇقتىلىق جايلاردا ساختا تاماكا ياساش ۋە تاماكا ئەتكەس قىلىشقا زەربە بېرىپ، 21 مىڭ 6...
06-05-2016
تەرجىمە قىلغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي     تۈنۈگۈن كەچتە مەن ئۆزۈمنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگەن ئاشۇ چاغنى ئەسلەپ، خىياللارغا غەرق بولدۇم، شۇنداق قىلىپ ئىمتىھاندىن ئۈمىدسىزلەنگەن ئوقۇغۇچىغا ...
06-05-2016
    ئۈرۈمچى ۋاقتى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى سەھەر سائەت 1:05 ئۆتكەندە، 2016-2015-مۇسابىقە پەسىللىك ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشىدا لىۋېرپول كوماندىسى 0-3 نەتىجە بىلەن 10 كىشىلىك ...
06-05-2016
    2-ماي ۋۇخەننىڭ خەنكۇدا بىر يىگىت كونا پاسوندىكى ۋېلىسىپىتنى مېنىپ كېلىنچەكنى كۆچۈرگەن، كېلىن كۆچۈرۈش ئەترىتى 21 ۋېلىسىپىت مىنگۈچىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئۇلار يولدىكى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان.
05-05-2016
    فرانسىيە فىگارو گېزىتىنىڭ 5- ئاينىڭ 4- كۈنى ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر بېرىشىچە، ھىندىستان ساقچى تەرەپنىڭ ئۇچۇرىدا مۇنداق دېيىلگەن: شۇ جاي ۋاقتى 5- ئاينىڭ 4- كۈنى ھىندسىتاننىڭ شىمالىي قىسىمىد...
04-05-2016
     ھەر مىللەت ياش – ئۆسمۈرلىرىنىڭ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بېرىش، ياشلارنى ‹‹بەشتە يېڭى ياشلاردىن بولۇش››قا يېتەكلەش مەقسىتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى بىلەن مەركىزىي خەل...
04-05-2016
     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3-ماي تېلېگراممىسى:جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن تۆۋەندىكى چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلەرنى ۋەزىپىگە ...
04-05-2016
   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 28-ئاپرېل تېلېگراممىسى:    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى    44-نومۇرلۇق   «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگرا سىرتىدىكى ھۆكۈمەتكە تەۋە بو...
Powered by Leglek