خەلقئارا لىنىيەسى مەخسۇس خەۋىرى: ئامېرىكا ‹‹خەلقئارا مالىيە گېزىتى››نىڭ 30-مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگونىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل بازارلىرى ھۆكۈمەتنىڭ تۈرتكىلىك سىياسەتلىرى ئاستىدا بەش يىل تەرەققىي قىلغاندىن كېيىن ئاخىرى تېز سۈرئەتتە ئېشىش دەۋرىنى كۈتۈۋالغان. جۇڭگو ئاپتوموبىل ياساش جەمئىيىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 2014-يىلى جۇڭگونىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئالدىنقى يىلدىكىدىن ئۈچ قاتلىنىپ، 74 مىڭ 499 دانىگە يەتكەن.
‹‹تۇلپار›› ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ جۇڭگو رايونى كەسپىي مەسئۇلى كارىستىن ئىنجولنىڭ ئالدىنقى ھەپتە بىلدۈرۈشىچە، ‹‹تۇلپار›› شىركىتى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ 2020-يىلدىن ئىلگىرى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ توكلۇق ئاپتوموبىل بازىرىغا ئايلىنىپ، بۇ جەھەتتە ئامېرىكىنىڭ ئورنىنى ئالىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ‹‹تۇلپار››، ‹‹ۋولكىس ۋاگىن››، ‹‹تېسلا››نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاپتوموبىل ياساش كارخانىلىرى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان جۇڭگو بازارلىرىغا كىرىش تەييارلىقىنى ئاللىقاچان پۈتتۈرگەن. بۇنىڭدىن كېيىنكى قەدەمدە، ئۇلار تۈرلۈك نۇسخىلىق توكلۇق ئاپتوموبىل يېڭى مەھسۇلاتلىرىنى جۇڭگو بازارلىرىغا سالىدىكەن.
![]() |
يىچې تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا تاراتقۇلار ئالاقىدار يوللاردىن ئىگەللىشىچە، جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى ئاۋدى A4L سېنتەبىردە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. ئەۋلاد ئالماشقان ماش...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved